قەشقەر، خوتەن يېزىلىرىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى يوقىتىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.08.13
guma-nahiyesi-oy-cheqish.jpg قۇرۇلۇش شىركىتى بىلەن ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر كېچىدە چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلگەن ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ شەخسىي ئۆي-جايى. 2014-يىلى ماي، گۇما.
Oqurmenler Teminligen

ئافرىقادا كارخانا ئاچقان قەشقەر نەزەرباغلىق تىجارەتچى تەۋەككۈل ئابدۇرەھىم ھاجىم 3 يىلدىن بۇيان نەزەرباغدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ چېقىلىپ، ئورنىغا خىتايچە پاسوندىكى ئۆيلەرنىڭ سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۆز جەمەتىدىكى بىرىنىڭ ئۆي-جايىنىڭ مۇشۇ دولقۇندا چېقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاراقاشتىكى بىر كەنت كادىرى «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدا ئۆز كەنتىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ قايتىدىن سېلىنغانلىقى ۋە بۇ ئۆيلەرنىڭ سافا، كارىۋات قاتارلىق زامانىۋى ئۆي سايمانلىرى بىلەن تولدۇرۇلۇپ، گىلەم قاتارلىق مىللىي بۇيۇملارنىڭ ئۆي بېزەكلىرى قاتارىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

قەشقەر نەزەرباغلىق تىجارەتچى تەۋەككۈل ھاجىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئولتۇراق مەھەللىسىدىكى 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەن. پۈتۈنلەي مىللىي پاسوندا سېلىنغان بۇ ئۆيلەر چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئۆيى چېقىۋېتىلگەن كىشىلەرنى ئۆزلىرى سېلىپ گەرگەن خىتاي پوسۇنىدىكى ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان.

مانا بۇ دولقۇندا تەۋەككۈل ھاجىمنىڭ قېرىنداشلىرىغا تەئەللۇق بولغان بىر كاتتا ئۆيمۇ چېقىۋېتىلگەن. تەۋەككۈل ھاجىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى» نامىدا داۋام قىلغان بۇ دولقۇندا ئىلگىرىكى پېشايۋانلىق ھويلىلار، نەقىشلىك ئىشىكلەر، گەجلىك قاپارتمىلار، گۈللۈك دېرىزىلەر ئورنىنى ئەمدىلىكتە تۈز سېلىنغان، ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۆت چاسا دېرىزىلىرى بىلەن سىدام ئىشىكلىرى ئىگىلىگەن.

يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا نېمە ئۈچۈن ئۆي-ئىمارەتلەردىكى مىللىي پوسۇننىڭ يوقىتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا يەرلىك كادىرلار ئاساسەن دېگۈدەك جاۋاب بېرەلمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى مەھەللە مەدەنىيىتىنى يوقاتماقچى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىياتنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرىنى قۇرۇتماقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تىجارەتچى تەۋەككۈل ھاجى بۇ ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقماسلىق بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىكىدىكى زور بىر تۈركۈم يەرلەرنى «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدا خىتاي شىركەتلىرى ياكى ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تەۋەككۈل ھاجى يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ يالغۇز نەزەرباغدىلا ئەمەس، بەلكى ئاقسۇ ۋە خوتەنلەردىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. خوتەندىكى ئالاقىدار خادىملار ئۆز تەۋەلىكىدە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا قانچىلىك ئۆينىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

خوتەن قاراقاشتىكى بىر كەنت كادىرى «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدا ئۆز تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ چېقىلغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ بولسا رېمونت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم يەنە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى لايىھەسىدىكى ئۆيلەرگە سافا ۋە كارىۋاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىلگىرىكى سۇپىلارنىڭ چېقىلغانلىقى، گىلەملەرنىڭ بولسا پەقەتلا سېلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ شۇ ئارقىلىق بۇ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا مىللىي ئۇسلۇبنىڭ يوقىتىش نىشانى بولغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە بۇ يېڭى يېزا مەھەللىلىرىگە پانۇسلارنىڭ ئېسىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆتكەن ئايلاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بىر قىسىم جايلاردا دائىرىلەرنىڭ مەسچىت مۇنارلىرىنى چېقىش ۋە ئۆي-ئىمارەتلەردىكى مېھرابلارنى بۇزۇش ئارقىلىق مەھەللە قىياپىتىدىن دىنىي پۇراقنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.