ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-30
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندا پائالىيىتىنى توختاتماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
2008-12-30
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
2008-12-30
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام كۆپچىلىك ئالىم - ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۈيۈك ئالىم دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، نام - شەرىپى دائىم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
2008-12-30
2008 - يىلى ئاخىرلىشىپ 2009 - يىلى كېلەي دەپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 2008 - يىلى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى خۇلاسە قىلىپ، 2009 - يىلى ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرىنىڭ پىلانىنى تۈزمەكتە.
2008-12-30
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇرچە خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرى، بارلىق ساھەلىرىدە،ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن پەسىلدە باشلىغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي ھەرىكىتى يەنىمۇ يۇقىرى بېسىم بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يوليورۇقى بىلەن دائىرىلەر نۆۋەتتە بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى " تۆت جەھەتتىن ئويلىشىپ، ئىككى جەھەتتە ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش" كە قىستىماقتا ئىكەن.
2008-12-30
ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 29 - دېكابىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى لىنىيىسىنىڭ غەربتىكى يەنى ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىدىكى قىسمى تاماملانغان.
2008-12-30
خىتايدا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ خىتايدا ئالتە بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنى، يەنە ئۈچ يۈز مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەگە چېتىشلىق سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكى گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 كارخانا - زاۋۇتنىڭ، زەھەرلەنگەن بوۋاقلارغا دەسلەپكى قەدەمدە بىر مىليارد بىر يۈز مىليون يۈەن تۆلەم تۆلىشى بېكىتىلگەن.
2008-12-30
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى 2009 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئىلخەت ئارقىلىق يوللىغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2008-12-30
بېرىتانىيە ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىھود ئولمارتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ گازا رايونىغا قاراتقان بومباردىمانى باشلانغىنىغا تۆت كۈن بولغان بولسىمۇ، ئىھۇد ئولمارت " بۇ تېخى ئىسرائىلىيىنىڭ گازا رايونىدىكى پەلەستىن ئەسكەرلىرىگە قاراتقان ئۇزاق مۇددەتلىك ھۇجۇم پىلانىمىزنىڭ بىرىنچى قەدىمى" دېگەن.
2008-12-29
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس مۇتەپەككۇرى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالىمنىڭ يۇرتى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.
2008-12-29
خىتاي دېموكراتچىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، 2008 نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى - سىرتىدا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تالاش - تارتىشلار كېلىپ چىقتى.
2008-12-29
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇزۇن مەزگىل غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، كېيىن ئاۋسترالىيىگە يەرلەشكەن زىيالىي ھۈسەن ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ۋە ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە بولۇپ ئۆتكەن سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى سەۋەبلىرىنى نوقۇل ھالدا پەقەت مىللىي زۇلۇمغا باغلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-12-29
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە ئورۇنلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ئالدىنقى ھەپتىدە، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمدە كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرەنكې كاننون ۋە ھەر قايسى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا "2008 نىزامنامىسى" نى قەلەمگە ئالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قاراشتىكى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ "2008 نىزامنامىسى"نى ئەركىن مۇنازىرە قىلىشى ۋە ئىمزالىشىغا يول قويۇشقا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
2008-12-29
تۈركىيىنىڭ "يېڭى شەپەق" گېزىتىنىڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى سانىدا، "ھەقسىز خىتاي ساياھىتى" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى ئەزالىرىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ خىتايغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2008-12-29
ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ھىجرەت ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كۆچكەن) يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل يىلنامە بولۇپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.