ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-01
1 - نويابىر كۈنى "جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك پوچتىسى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خەلقئارا جامائەت دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايدا تەن - جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
2008-11-01
خىتايدا بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا بايقالغان زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا مېلامىننىڭ خىتايدا ياسالغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۇنىڭدەك يېقىندا توخۇ تۇخۇملىرىدىمۇ بايقالغانلىقى خەلقئارادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئۈستىدە مەۋجۇت گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
2008-11-01
تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىسى ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلار، كېلەر ھەپتە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا باشلايدىغان خىتاينىڭ "ئىككى تەرەپ" مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چەن يۇنلىن رىياسەتچىلىگىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى تەشكىللەشكە تەييارلانماقتا.
2008-11-01
ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 20 دىن ئارتۇق مىلىتانت ۋە ئىككى ئافغان ئەسكىرى ئۆلگەن.
2008-10-31
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، تارىخىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەزى ناملارنىڭ ماركا قىلىپ قوللىنىلىشى ئىختىلاپلار پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.
2008-10-31
ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ چېكىۋاتقان ياش قەلەمكەش نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق بەدىئىي ئەسىرى بۇ يىل 9 - ئايدا گېرمانىيىدە نەشىردىن چىققان بولۇپ، تۈرك زىيالىيسى مەمەت ئايدەمىر ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى بىلەن تۆت خىل تىلدا ھازىرلانغان بۇ ئەسەر گېرمانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.
2008-10-31
تۈنۈگۈن، 30 - ئۆكتەبىر كۈنى، ۋەتەن ئىچىدىكى بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز، رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى.
2008-10-31
ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش كۈنى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى. بۇ كۈنگە يەنە تۆت كۈن قالدى. ھازىرغا قەدەر دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما ئېرىشكەن ئاۋاز سانى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن ماككېيندىن 6 توچكا يۇقىرى.
2008-10-31
ئالدىنقى كۈنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇملاردا مېلامىن ماددىسى بايقالغانلىقى پاش بولغاندىن كېيىن، ئەمدى مېلامىن ۋەقەسى خىتاينىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىگە كېڭەيدى.
2008-10-31
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت باشلاشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى، ھازىرقى سىياسەتنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-10-31
"بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا نامايىش قىلىش ياكى ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ئامېرىكا تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئامېرىكا تەنتەربىيە ئۆمىكىدىكى 9 نەپەر تەنتەربىيىچى ۋە بىر ياردەمچى ترېنىرنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
2008-10-31
خىتاينىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، سۇدان دائىرىلىرى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن گۆرۈگە تۇتۇلغان سۇداندىكى خىتاي نېفىت ئىشچىلىرىدىن يەنە بىرنى "ھايات" قۇتقۇزىۋالغان.
2008-10-30
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
2008-10-30
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىر شۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.