ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-30
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلقئارالىق توشۇش لىنىيىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن جايغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە، 105 خەلقئارالىق توشۇش لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چەت ئەللەرنى ھەم باشقا جايلارنى سودا جەھەتتىن باغلاپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىڭ ئەتراپىدىكى 8 دۆلەتكە 29 ئېغىز ئېچىپ ئېكسپورت - ئىمپورت پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
2008-11-30
رۇسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەك ئاز، ئەمما ئۇلار ئىچىدىن چىققان ئادەملەر بەك ساز بولسا كېرەك، يېقىندا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا تارقىتىلىدىغان "ئۇيغۇر خەلقى" دەپ ئاتالغان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا يېزىلىشىچە، رۇسلار تەرىپىدىن ماخا شېرمەت ياكى مىخائىل شېرمەت دەپ ئاتالغان بىر ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى رۇسىيىدىكى تۇنجى كىكبوكس كۇلۇبىنى قۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد دۇنيا چېمپىيونلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرگەن.
2008-11-30
مۇمبايدىكى ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 195، يارىدار بولغانلارنىڭ 300 نەپەرگە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
2008-11-30
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭلىق ئاتاقلىق قانۇن ھىمايىچىسى، ئادۋوكات لىخېپىڭنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن " ياۋروپا ئادۋوكاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى"نى تاپشۇرىۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
2008-11-30
موسكۋا ئېچىلغان پۈتۈن رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستلار قانداق قىلغاندا رۇسىيىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.
2008-11-28
تۈركىيە زامان گېزىتىنىڭ 27 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى جيا چىڭلىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن خىتاي ۋەكىللىرى رەسمىي دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن.
2008-11-28
مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش يىلى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
2008-11-28
تۇرمۇش تولىمۇ مۇرەككەپ، خىلمۇ - خىل مىجەز، رەڭمۇ - رەڭ خاراكتېردىكى ئادەملەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ دۇنيادا، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەك تولىمۇ قىيىن.
2008-11-28
خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ شتاتىنى مۇئاۋىن كورپۇسلۇقتىن تولۇق كورپۇسلۇققا ئۆستۈرگەن.
2008-11-28
پولشانىڭ 1980 - يىللاردىكى ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرى، سابىق پولشا پرېزىدېنتى لىخ ۋالېسا، جۈمە كۈنى خىتاينىڭ تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، " دۇنيا خىتاينىڭ باشقىلارغا دوست تاللاپ بېرىشىگە يول قويمايدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
2008-11-28
ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى جۈمە كۈنى، ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى باشلانغان بىر قاتار زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 8 نەپەر چەتئەللىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يارىلانغان چەتئەللىكلەرنىڭ 22 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-11-28
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان يىغىنىدا پرىنسىپ خاراكتېرلىق ھۆججەت ماقۇللاپ، قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى، لېكىن غەرب ئىستىلىدىكى دىمۇكراتىيە يولىغا مېڭىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.
2008-11-28
خىتاي جۈمە كۈنى تەيۋەنگە ئاخبارات يوللاش بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان تىببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، خۇ ۋېيخەننىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
2008-11-27
ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى چارشەنبە كۈنى كەچتە بىر گۇرۇپ ھۇجۇمچىلارنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەپ دېڭىزىدىن قولۋاقلار ئارقىلىق كەلگەن 10 - 12 كىشىلىك بىر گۇرۇپ بومباينىڭ كاتتا مېھمانخانا، ئاشخانا قاتارلىق سودا مەركەزلىرىگە ۋە پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
2008-11-27
فرانسىيىدىكى Agence Capa ناملىق بىر ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن 2008 - يىلى كۈزدە ئىشلەنگەن "خىتايدىكى قوزغالغان ئۇيغۇرلار" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيە ARTE تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ئىدى.