ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-27
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مەدەنىيەت كومىتېتى يەنى ئۇنەسكو تەرىپىدىن ئون ئىككى مۇقام قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇزىكاشۇناسلار ئون ئىككى مۇقامنى خىتايلار قانداق قوغداۋاتىدۇ؟ 2006 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئون ئىككى مۇقامنى قوغداش ھەققىدە چىقارغان قارارلىرىغا رىئايە قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە ئەسەرلەر يېزىپ نەشىر قىلدۇرماقتا.
2008-11-27
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئوساما بىن لادىننىڭ شوپۇرى سەلىم ئەخمىدى ھەمداننى تۈرمىدىن چىقىرىپ دۆلىتى يەمەنگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، ۋاشىنگتون پېچتا گېزىتىدە بېرىلگەن ماقالىدە بۇ "گۇئەنتانامو ئادالىتى" دەپ سۈرەتلەندى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىمۇ قويۇپ بېرىپ يەنە بىر خەيرلىك ئىش قىلىشى كېرەكلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2008-11-27
يېقىندا پىچان ناھىيىسىدە زور كۆلەملىك كۆمۈرلۈك بايقالغان بولۇپ، "شىنجاڭ ئامانلىق" تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كۆمۈرلۈكنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
2008-11-27
26 - نويابىر كەچتە ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك بىر تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ روېيتېرس ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقەدە 110 كىشى ئۆلۈپ 300 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان.
2008-11-27
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كىيىن، بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي فرانسىيىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-11-27
نۆۋەتتە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرى تەۋەللۇدىنىڭ 1000 يىللىقىنى بايرام تۈسىدە تەبرىكلەش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.
2008-11-27
قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇماناپ قاسىم، 26 - نويابىر كۈنى، بىشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولدى. بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى پوكىروۋكا يېزىسىدىكى مەسچىتتە نامىزى چۈشۈرۈلدى.
2008-11-27
بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 21 نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەيدىز كۈنى.خەلقئارا ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش كۈنى ھارپىسىدا دۇنيادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى ئاساسلىق سەھىيە تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىزىل كرېست جەمىيەتلىرىمۇ، 2008 - يىلىدىكى ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە دوكلاتلار ئېلان قىلماقتا.
2008-11-26
خىتاينىڭ مۇقىملىق ئەندىشىسى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئولىمپىكتىن كېيىن ئىزچىل داۋاملاشماقتا. غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىكى مېيىپ ياش ئابدۇشۈكۈر قۇرباننىڭ 21 - نويابىر كۈنى كەچتە تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
2008-11-26
ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئانالىزچى، ئىستانسىمىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ " ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى" دە ماقالە ئېلان قىلىپ، 1945 - يىلى ئېچىلغان يالتا يىغىنىدىن نۆۋەتتە 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۈەنتانامو ئارىلىغا قامىلىشىغىچە بولغان تارىخىي جەريان ئارىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى شەرھىلىگەن.
2008-11-26
Richard Bernstein ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر ئەخلاقى مەغلۇبىيەت" دېگەن ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا سۆزىنى مۇنداق باشلايدۇ": تەسەۋۋۇر قىلىنغان مۇنداق بىر مىسال ئەخلاقى خاراكتېرنى ئۆلچەيدىغان ئاسان سىناق بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، دۆلەت دائىرىلىرى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى قولغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ نىمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەپ بەرمەي، ئىسپات كۆرسەتمەي ئۇزۇن يىلغىچە، ھەتتا ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىغا ئاساسى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلانغىچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇردى."
2008-11-26
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانچىلىقنىڭ ئارام ۋاقتى بولسىمۇ ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك ھاشارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلانماقتا.
2008-11-26
ئەخلاق ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ياخشى بىلەن ياماننى، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيدىغان ئۆلچەملەردىن بىرىدۇر. ئەخلاق سۆزى ئېتمولوگىيە جەھەتتىن ئەرەبچىدىكى `خۇلق` سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەرەپچىدىكى `خۇلق` سۆزى`خۇي` مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
2008-11-26
ھەج ئىبادىتى مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان بەشىنچى چوڭ پەرز بولۇپ، تېنى ساق بولۇپ، ھەج سەپىرىنىڭ چىقىملىرىنى قىلالىغان ئادەم ئۈچۈن ئۆمرى ئىچىدە بىرلا قېتىم ھەج قىلىش پەرزدۇر.
2008-11-26
رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ 1945 - يىلىدىكى يالتا كېلىشىمى ھەققىدە يازغان ئوبزورى بۈگۈن 'ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى " دە ئېلان قىلىندى.