ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-03
ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ مەلۇمات يوللىغان بۇ ئىنكاسچى كىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھ ھالىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقتىن ئومۇميۈزلۈك شىكايەتچى، ئەمما بۇ رېئاللىققا تۇتىۋاتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش ئەمەس.
2008-11-03
خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسى خەيكو شەھىرىدە خولېرا( ۋابا) تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، رويتېرىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خولېراغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىكەن.
2008-11-03
3 - نويابىر، دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھرىدە تاكسى شوپۇرلىرى، ئېغىر جەرىمانە ۋە ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلىغان.
2008-11-03
خىتاي دۆلەتلىك ماددىي ئەشيا ئالماشتۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، چەتئەللەردىكى بازا ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، خىتاينىڭ 10 - ئايلىق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
2008-11-03
خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسىدا كۆرۈنگەن سۇ مىقدارى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن، ئىشلەپچىقىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىكەن.
2008-11-03
خىتاي دۆلەتلىك خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى 3 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ 1949 - يىلىدىن بۇيانقى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەندە ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2008-11-02
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا 2 - نويابىر كۈنى، توكيودا نۇتۇق سۆزلەپ، تىبەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ " ئوتتۇرا يول سىياسىتى"نىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، بۇ ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان تىبەت پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا خەلقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تىبەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قانداق قارار قوبۇل قىلىشنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-11-02
ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما 1 - نويابىر كۈنى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تىبەت - ئۇيغۇر ھەمكارلىقى مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
2008-11-02
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بروۋن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەمدە ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى دۆلەتلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەسسە قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2008-11-02
رۇسىيىنىڭ تونۇلغان شەرقشۇناسى ۋە تارىخشۇناسى نائىل ئاخمەتشىن 31 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا تۇيۇقسىز قازاغا ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
2008-11-02
تىبەتلەرنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لاما، ياپونىيىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمى زىيارىتى جەريانىدا 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى توكيودىكى روياپارىس مېھمانخانىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇتنى قوبۇل قىلغان.
2008-11-01
1 - نويابىر كۈنى "جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك پوچتىسى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خەلقئارا جامائەت دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايدا تەن - جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
2008-11-01
خىتايدا بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا بايقالغان زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا مېلامىننىڭ خىتايدا ياسالغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۇنىڭدەك يېقىندا توخۇ تۇخۇملىرىدىمۇ بايقالغانلىقى خەلقئارادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئۈستىدە مەۋجۇت گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
2008-11-01
تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىسى ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلار، كېلەر ھەپتە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا باشلايدىغان خىتاينىڭ "ئىككى تەرەپ" مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چەن يۇنلىن رىياسەتچىلىگىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى تەشكىللەشكە تەييارلانماقتا.
2008-11-01
ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 20 دىن ئارتۇق مىلىتانت ۋە ئىككى ئافغان ئەسكىرى ئۆلگەن.