ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-26
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن پولشادا كۆرۈشىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 'تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى' دېگەن گېپىنى قايتىدىن تەكرارلىدى.
2008-11-26
كوسوۋا ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن، پۇل ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى خىتاينى قولغا ئالدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دېلو 1 مىليون 250 مىڭ ياۋرو )بىر مىليون 610 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى( نەق پۇلغا تاقىلىدىكەن.
2008-11-26
بۈگۈن خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 'گوۋېي' شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ 42 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك سەرمايىسى ۋە مۈلكى، 300 دىن ئارتۇق شەھەردە 1300 دىن ئارتۇق دۇكىنى بار. ئۇ 30 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
2008-11-26
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە، غەرب ئەللىرىدىن ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە قاچان ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋاقىت جەدۋىلىنى تەلەپ قىلدى.
2008-11-25
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا، 24 - نويابىر چۈشتىن كېيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىش مەسىلىسى بۇيىچە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2008-11-25
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك يىغىنى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا چاقىرىلغان ئىدى.
2008-11-25
1992 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ خوڭكوڭدىكى باش ۋالىسى بولۇپ تۇرغان كىرىستوفېر پاتتىن ئەپەندى يېقىندا خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزى يازغان يېڭى كىتابىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بۇ يېڭى كىتابىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان.
2008-11-25
2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتىگە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ئالاھىدە يەر بەردى.
2008-11-25
كانادا ساقچىلىرى،2007 - يىلى تورونتو شەھىرىدىكى خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايوندا گۇمانلىق بىر ئۆينى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆپ مىقداردا ساختا گۇۋاھنامە،ساختا پاسپورت ۋە ھەر خىل ساختا ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، 5 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغان ئىدى.
2008-11-25
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2008-11-25
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئىشتىن بوشىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئىشتىن بوشىتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئورنىغا خىتايلار قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى نامىدا ئىشقا ئورۇنلاشماقتا.
2008-11-25
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات تورلىرىدا بۈگۈن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن يەنە 3 مىليارد 750 مىليون يۇەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان.
2008-11-25
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نويابىردىن باشلاپ ۋىلايەت تەۋەلىكىدىكى بىڭتۇەندىن باشقا ناھىيىلەردە دېھقانلارنىڭ قىشلىق ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بىر تەرەپتىن دېھقانلارنى ھەر خىل باھانىلاردا ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىكەن.
2008-11-25
24 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتىدا گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان سوتتا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت، سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2008-11-25
گرېتسىيىدە پورت ئىشچىلىرى سەيشەنبە كۈنى 24 سائەت ئىش تاشلىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ نارازىلىقىغا،گرېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتىنى خىتايغا 35 يىللىق ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى سەۋەب بولغان.