ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-24
ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى دۈشەنبە كۈنى سوت ئېچىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىقتى.
2008-11-24
يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ 22 - نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنگەن ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. خەۋەردە مۇئاۋىن نازىرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.
2008-11-24
مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغ شەھىرى - دارامسالادا ئاچقان دۇنيا تېبەت قۇرۇلتېيى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ 6 كۈنلۈك قۇرۇلتاي ئىككى كۈن سرتقا ئوچۇق يىغىن ئاچتى، قالغان 4 كۈندە يېپىق يىغىن ئاچتى.
2008-11-24
خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان نارازىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.
2008-11-24
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.
2008-11-24
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەمدە سىياسىي تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدە ھەتتا ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ بۇ ھەقتە تەربىيە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
2008-11-24
خوتەن ناھىيىسىدە پېنسىيىگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن بولۇپ، "شىنجاڭ ئامانلىق تورى" دا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ناھىيىسى مۇناسىۋەتلىك تاماقلىرى پېنسىيىگە چىقىدىغان كادىرلار چوقۇم "پېنسىيىگە چىقىش ئەھدىنامىسى " گە ئىمزا قويۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان.
2008-11-24
ئامېرىكىغا جايلاشقان "قورال ۋە قىزىلگۈل" مۇزىكا ئەترىتى يېقىندا بازارغا سالغان " خىتاي دېموكراتىيىسى" ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىغا ئائىت تور بەتلىرىنىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ناخشا لېنتىسىنىڭ تور بېتى خىتايدا ئېچىلمايدىكەن.
2008-11-24
خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى ئاقچى ناھىيىسىدە تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، "شىنجاڭ ئامانلىق تورى "دا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ناھىيىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نامىدا يەنە مەھەللە بۆلەكلىرىگىمۇ باشقۇرغۇچى بېكىتكەن.
2008-11-24
نۆۋەتتە شايار ناھيىسىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جامائەتنىڭ توپلىشىپ ئەرز قىلىش ئىشلىرى ۋە سىياسى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدىكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى كونتىرول قىلىشنىڭ 4 تۈرلۈك چارىسىنى يولغا قويغان.
2008-11-24
بۈگۈن ۋاشىنگتوندا گۇئانتانامودا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سوتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئارىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى ئۈستىدىن ئېنىق قارار ئېلىنمىدى.
2008-11-23
ئىگىلىشىمىزچە،24 نويابىردىن 26 - نويابىرغىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بىلەن تۈركىيە دۆلەتلىك تۈرك تىلى كومىتېتى بىرلىكتە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلىغان.
2008-11-23
يېقىندا باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت موللا مۇسا سايرامىنىڭ" تارىخي ھەمىدى " ۋە "تارىخىي ئەمىنىيە" ناملىق ئىككى ئەسىرىنى خىتاي دۆلەتلىك چىڭ سۇلالىسى تارىخى ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش كومىتېتىغا يوللاپ، ئۇنى چىڭ سۇلالىسى تارىخىي تەزكىرىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كوپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئورگان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەسەرنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا ھاۋا قىلغان. ھازىر تەرجىمىسى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى ئەسەرنىڭ خىتايچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنىدىكەن.
2008-11-23
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزلىرىنى رۇسىيىلىك دەپ ھېسابلىغان كىشىلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ رۇسىيىگە كۆچۈپ ماكانلاشماقتا.
2008-11-23
22 - نويابىر كۈنى پېرۇنىڭ لىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۈچ ئەركىنلىك پىكرىنى يەنى "ئەركىن بازار، ئەركىن سودا ۋە ئەركىن خەلق" پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر ئۈچ نۇقتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.