ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-21
ۋەقە خوتەن شەھىرىدىن 13 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى لايقا يېزىسىدا يۈز بەرگەن. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خېلىل جېلىل قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش لايقا يېزىسىدىكى قاۋاقخانا ساھىبى بىلەن جېدەللەشكەن.
2008-11-21
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مشىگېن شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى.
2008-11-21
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ بېيىغان ئالتە مىلياردېرنىڭ خىتايدىكى 100 ھەددىدىن تاشقىرى بايلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىك خەۋىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزگۈزۈۋاتقان ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئەمەس بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
2008-11-21
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا خىتايلار تەرىپىدىن قاۋاقخانا ۋە پاھىشىخانىلار ئېچىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ نارازىلىقلار بەزىدە توقۇنۇشقا سەۋەب بولماقتا.
2008-11-21
20 - نويابىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇشقا 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
2008-11-21
تىبەتلەرنىڭ دارامسالادا ئېچىۋاتقان تارىخى قۇرۇلتىيى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە ھەر قانداق شەكىلدىكى ئالىي ھوقۇقلارنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
2008-11-21
خىتاي ژۇرنالىست چېن داۋجۈن مۇھىتنى بۇلغاش ئېھىتماللىقى يۇقىرى بولغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2008-11-21
قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەجگە بارىدىغانلارغا ھەر تۈرلۈك چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى قوللانماقتا، ئىلى ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە قورغاس ناھىيىسىدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەجگە بارىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردىن "4 نى قىلماسلىق" ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
2008-11-20
مۇھەممەت ئۆمەر ئوسمانخان بىلەن مۇھەممەت ئەكبەر ئوسمانخانلار پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، دادىسى ئوسمانخان ئەپەندى بولسا 1960 - يىللاردا پاكىستانغا كۆچۈپ چىققان 2 - ئەۋلات ئۇيغۇر پاكىستانلىقلار بولۇپ ھېسابلىناتتى.
2008-11-20
گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر توغرۇلۇق 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان ئەرزىيەت سوتىغا پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەزىرى تىكىلمەكتە.
2008-11-20
13 - نويابىردىن 17 - نويابىرغىچە، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ ئۆلكىسى ھامبۇرگ شەھىرىدە 22 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق فولكلور يەرمەنكىسى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىگە ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز خانىممۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت مەھسۇلاتلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان مول مەزمۇندىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.
2008-11-20
11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى نيۇيورك تايمىس گېزىتىدە 'خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايۋاتقان تارىخ' ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. - شىنجاڭ مۇزىيىنىڭ كۆرگەزمىسىگە ئېسىپ قويۇلغان ھەشەمەتلىك تاختايدىكى'شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن سۆزنى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئىچىگە قويۇلغان قەدىمقى مومىيالار ئىپادىلىگەن تارىخ ئىنكار قىلىدۇ، - دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ 2003 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە ئىراق ئۇرۇشىدا مۇخبىرلىق قىلغان 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېدۋارد ۋوڭ ئەپەندى.
2008-11-20
ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كانادا فېدېرال سايلىمىدا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ئۇتۇپ چىقىپ،ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى.
2008-11-20
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنەسكو 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى قۇتلۇقلانماقتا.