ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-20
پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دېۋىد كېنى، ئىۋانس شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تاماس ئىۋانس قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئون نەپەر ئاتاقلىق كونسېرۋاتىپ ئەرباپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىدىن گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2008-11-20
ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يىغىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
2008-11-20
خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى پەيشەنبە كۈنى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۈچۈن چىقارغان يېڭى تەدبىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۈر تەدبىردە، مۇخبىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئالدىن رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بېكىتىلگەن.
2008-11-20
خىتاي ئورگان مەتبۇئاتى ھېسابلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ساقچى دائىرىلىرى مۇشۇ ھەپتە، خىتاينىڭ غەربىي رايونى - گەنسۇدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان 30 نەپەر نارازىلىق بىلدۈرگۈچىنى قولغا ئالغان.
2008-11-20
چەتئەللەردىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئېچىلغان تارىخى قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇرۇلتايدا دالاي لامانىڭ مۆتىدىل يول سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدىغان ۋەكىللەر بىلەن خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئۈندەيدىغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىسىدا جىددىي تالاش - تارتىشلار يۈز بەرمەكتە.
2008-11-20
19 - نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا 1000 دىن ئارتۇق كىشى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
2008-11-19
ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى 2000 - يىلى قۇرۇلغان خىتاي - ئامېرىكا سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگاندۇر.
2008-11-19
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھەر ساھە، ھەر كەسپ ھەم قاتلاملاردا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە قايتا تەربىيىلەش دولقۇنى ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم.
2008-11-19
سۈرگۈندىكى تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ۋەكىللىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تارىخى قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا. قۇرۇلتايدىن تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ھەققىدە قانداق قارار چىقىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
2008-11-19
ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتايدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلغان مەخسۇس ئىش بېجىرىش ئورنى چارشەنبە كۈنى رەسمىي ئىش باشلىغان.
2008-11-19
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ۋە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان مۇسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق ئەسلىمە كىتابىنىڭ باش قىسمىدا يەنە 1933 يىلى، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تاڭ سەھەر ۋاقتىدا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىرلىكتە قەشقەرگە ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغانلىقىنى يازىدۇ.
2008-11-19
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە يېزىلاردا قۇرۇپ بولغان قوش تىللىق بالىلار باغچىسىنىڭ سانى 75 گە، ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 6338 گە يەتتى.
2008-11-19
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك 'تەشۋىقات' ھەرىكىتىنى باشلىدى.
2008-11-19
كىرىستوفېر سىمىت، جىئو پېتتس قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۈگۈن يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ئايال ئارزۇگۇل ۋەقەسىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-11-19
يېقىندىن بۇيان سومالى بىلەن يەمەن ئارىلىقىدىكى ئادەن قولتۇقىدا دېڭىز قاراقچىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ تايلاند، گرىتسىيە، خوڭكوڭلارنىڭ بېلىقچى ياكى يۈكچى پاراخوتلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يۈز مىليون دوللارلىق نېفىت باسقان پاراخوتىنىمۇ گۆرۈگە ئېلىۋالىدىغان ۋەقە يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى.