ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-19
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارنىڭ مەخسۇس قۇرۇلۇش - قوراشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېڭخې ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان خۇاۋېي ھەسسىدارلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ماجرا چىققاندىن كېيىن، بۇ جەرياندا ئىش ھەققىنى ئالالماي غەزەپلەنگەن 300 دىن ئارتۇق ئىشچى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋېنچۇەن يولى 34 - يول ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا توپلىنىپ، زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللىنىپ، شىركەتنىڭ ئىشخانىلىرىنى ئىگىلىۋالغان.
2008-11-19
تۈنۈگۈن ئارزۇگۈل تۇرسۇن دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىلدى، 6 ئاي 3 ھەپتىلىك ھامىلىسى ئوپېراتسىيىدىن ئامان قالدى. ئارزۇگۈل ئائىلىسى خۇشاللىققا چۆمدى، ئەمما بۇ خۇشاللىق ئاسانلا قولغا كەلمىدى.
2008-11-18
ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ 6 ئاي 3 ھەپتىلىك ھامىلىسى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 3 قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى. تۇنجى قېتىم 13 - نويابىر كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىدا ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى ئىدى.
2008-11-18
ئارزۇگۈل تۇرسۇن ئىلى ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدە خەلقئارا ئاخباراتلار جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ 6 ئايلىق ھامىلىسىنىڭ ھاياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان ئىدى.
2008-11-18
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقان مالىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، دۇنيادا ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈك تېزلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بازارلارنى ئېچىۋىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەتكە كېلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
2008-11-18
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان 600 گە يېقىن تىبەت ۋەكىلىنىڭ، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە يىغىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئالاھىدە قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا، تىبەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن كېيىنكى يۆنۈلۈشىدە ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلەمدۇ ؟
2008-11-18
شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسىغا 250 تىلدا نەشر قىلىنغان بالىلار كىتابلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق ئىكەن. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمزاسىنى يىغىپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ بۇ كىتابخانىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كىتابخانا رەھبەرلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان.
2008-11-18
ھەر بىر مىللەتنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە نەزىر - چىراغلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرى ۋە نەزىر ئىشلىرى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
2008-11-18
ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۆمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، 16 - نويابىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا زەربە بېرىش - باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتماي يۇقىرى بېسىم بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-11-18
غۇلجىدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىنىش ئالدىدىكى ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىز يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولدى، ئارزۇگۈل، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىلى ئوبلاستلىق ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن ئۆيىگە يېنىپ چىققان.
2008-11-18
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر تارقىتىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭنەن شەھىرىدە ئەرزدارلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ 60 تىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان.
2008-11-18
17 - نويابىر كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا باشلانغان دۇنيا تىبەت قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
2008-11-18
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى شىشىنىڭ خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تۆلەم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە روھىي زىيان تۆلىمى تۇنجى قېتىم دۆلەت تۆلىمى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
2008-11-17
15 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا - ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەن 20 دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى.
2008-11-17
خىتاي ھۆكۈمىتى داۋراڭ سېلىپ 'خىيانەت قىلغان پۇللارنى يۆتكەپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى' دەۋاتقان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ھازىر 20 مىڭدىن ئاشتى.