ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-09-22
ب د ت نىڭ نيو-يورك شەھرىدىكى باش شىتابىدا چاقىرىلغان 2022-يىللىق ئومۇمىي كېڭىشىگە 150 كە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، تاجىسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندىن بۇيان ب د ت چاقىرغان ئەڭ چوڭ يىغىن بولۇپ قالدى.
2022-09-22
ئاقسارايىنىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان لاگېر شاھىتلىرىنى 21-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفېر سىمىس ۋە ئامېرىكانىڭ سابىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېللىي كۇررىي خانىم ئالاھىدە يوقلىدى.
2022-09-22
تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى ئامېرىكادىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئارقا كوچا» (The Backstreets) دېگەن نام بىلەن ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى.
2022-09-22
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 38 نەپەر ئەزاسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئۈسىتىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
2022-09-21
ئولاف شولىزنىڭ ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
2022-09-21
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق باشلانغىلى ئالتە يىل بولغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان ب د ت ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
2022-09-21
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى مەركىزى تېما قىلغان كەسكىن دىپلوماتىك جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان.
2022-09-20
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجادا ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە غۇلجىدىن مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدى.
2022-09-20
ئامېرىكادىكى بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئاقساراي ئالدىدا 19-سېنتەبىر كۈنى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.
2022-09-20
دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى (JWW) دۇنيا مىقياسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.
2022-09-20
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە جەنۋەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى پائالىيەتلەر داۋام قىلماقتا.
2022-09-20
15-سېنتبەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2022-09-20
16-سېنتەبىر كۈنىدىن 19-سېنتەبىر كۈنىگىچە، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاياللار كۈچى» فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
2022-09-19
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەخمىنەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن كېسىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2022-09-19
17-18-سېنتەبىر كۈنلىرى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۇزدى.