ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-31
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان يەنى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خىتايدىن باشقا مىللەتلەر مائارىپىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان " قوش تىل" مائارىپىنىڭ 2008 - يىلىدىكى ئەھۋالىغا كۆز يۈگرەتكىنىمىزدە، بۇ بىر يىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
2008-12-31
2008 - يىلى ئاخىرلىشىپ 2009 - يىلى كېلەي دەپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئۇيغۇرلار چۈملىدىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار 2008 - يىلىنى خۇلاسىلاپ، 2009 - يىلىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئىزھار قىلىشماقتا.
2008-12-31
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2008 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۆتكەن بىر يىلدا ھەر قايسى ئەللەردە ئۆلگەن مۇخبىرلار سانىنىڭ ئازايغانلىقى، بىراق خىتاي، سۈرىيە، ئىران، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان ئاخباراتنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2008-12-31
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مول ئېنېرگىيە زاپىسى ئۇنىڭ دۇنياۋى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى ئاشۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە رايوندىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ئايلاندى.
2008-12-31
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن، "تۈركىي تىللار دىۋانى' نىڭ، تۈرك دۇنياسىدا تۇنجى قېتىملىق تەرجىمە قىلىش خىزمىتى، ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزەربەيجان شۆبىسى، بۇ خىزمەت ئۈچۈن خالىد سەئىد ئەپەندىنى تەرجىمە قىلىشقا بەلگىلىگەن، خالىد سەئىد ئەپەندى، 1937 - يىلى بۇ ۋەزىپىنى تاماملىغان، ئەمما خالىد سەئىد ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان."
2008-12-31
كانادا دائىرىلىرى خىتايلار باشچىلىقىدىكى دۆلەت ھالقىغان، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، غايەت زور مىقداردىكى كوكائىن، خېروئىن، نەشە ، شادلاندۇرۇش دورىلىرى ۋە نەق پۇلنى قولغا چۈشۈردى.
2008-12-31
بۈگۈن 31 - دېكابىر كۈنى، يەنى 2009 - يىلى يېڭى يىل ھارپىسى. ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىدا قانداق چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى؟ بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى ۋە ياكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى نېمە؟ بىز بۈگۈن مانا بۇ تېمىلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئىگىلىدۇق.
2008-12-31
ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئائىلىلىكلەرنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى فائىرفاكس ناھىيىسىدىكى بىر پېنسىيىگە چىققان ھەربىيلەر جەمئىيىتىنىڭ زالىغا يىغىلىپ، يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
2008-12-31
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى يېڭى يىل نۇتىقى ئېلان قىلىپ، تەيۋەن ئۆكتىچى گۇرۇھى - دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىشكە، ئەگەر تەيۋەن بىر "جۇڭگو پرىنسىپى"نى قوبۇل قىلسا تەيۋەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەزا بولۇش ئارزۇسىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-12-31
ئەزەربەيجان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ب ب س قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئازەربەيجاندا ئاڭلىتىش بېرىشىنى چەكلىگەن.
2008-12-31
خىتاينىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلانغان " ئۈچ بۇغا " شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتىغا مېلامىن ئارىلاشتۇرۇپ، 6 بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنى، 300 مىڭ بوۋاقنىڭ بۆرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېلامىن ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سوتىدا "ئۈچ بۇغا" شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تيەن ۋېنخۇا ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئالغان.
2008-12-31
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخۇد ئولمارت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەززەدە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى رەت قىلدى.
2008-12-30
خىتاي سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە يوللىغان، ۋۇخەن ددگ - 169 ۋە خەيكو - ددگ - 171 تىپلىق ئىككى كىچىك تىپتىكى ھەربىي پاراخوتىغا يەنە ۋېيشەنخۇ 887 تىپلىق بىر كىچىك تىپتىكى ھەربىي ئەسلىھە تەمىنلىگۈچى پاراخوتنىمۇ قوشۇپ يولغا سالغان.
2008-12-30
ئىسرائىلىيىنىڭ گازا رايونىدا ھاۋادىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بومباردىمانى بۈگۈن 4 - كۈنىگە قەدەم قويدى.
2008-12-30
گەرچە بىڭتۈەندىكى خىتاي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى شۇنىڭدەك ئالىي مەكتەپنى خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان، شۇنداقلا، بىڭتۈەن شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئائىلىسىدە بىر بالا بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن مۇراتنىڭ ياردەم سۆيەرلىگى تۈرتكىسىدە، 500 مىڭ يۈەن داۋالاش ھەققى تەلەپ قىلىنغان ۋە خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان دېھقان پەرزەنتى ماھىرەگە ياردەم قىلىش پائالىيىتى نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا قانات يايدۇرۇلماقتا.