ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-01
"تۇرانىلار ۋە پان - تۇرانىزم" دېگەن تارىخي ئەسەر ئەخمەت يەسەۋىي فوندىغا قاراشلىق يەسەۋىي نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2008-12-01
1 - دېكابىر، دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان باراك ئوباما، ئۆز ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنى جاكارلاش خۇسۇسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2008-12-01
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 13 يىل ئىلگىرى بايقالغان بولۇپ، مۇشۇ 13 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2008-12-01
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل نويابىردىكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى سىياسىي داۋالغۇش كېلىپ چىقىش تەھدىتنى كۈچەيتىۋەتكەن.
2008-12-01
رۇسىيە نۆۋەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
2008-12-01
1 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس لوندوندا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بومباي تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2008-12-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ياكى بايانات ئېلان قىلغان چېغىدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلارنى ئاز ساندىكى كىشىلەر دەپ كۆرسەتسە، سۈكۈت ئىچىدىكى كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى كۆپ سانلىق ئامما دەپ كۆرسەتمەكتە.
2008-12-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تەيۋەن جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي تۇيۇقسىز ئىجرا قىلغان ئىدى.