ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-30
ئامېرىكىدىكى خەلقارا ئېنىرگىيە مەسلىھەت شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى Michael Lelyveld يېقىندا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېنىرگىيە ئەندىشىسى ناملىق بىر دوكلات تەييارلىغان. دوكلات بۈگۈن رادىئومىزنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىندى.
2008-04-30
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، مارت ئېيىدا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي يولوچى ئايروپىلانىنى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن كېيىن، خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەرنى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن ماقالىلەر قاپلاپ كەتتى.
2008-04-30
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سېپىگە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى يەھۇدى تەشكىلاتلار قوشۇلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا يەھۇدى تەشكىلاتلىرىدىكى مەشھۇر شەخسلەر چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
2008-04-30
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە ساقچى دائىرىلىرى نەق مەيداندىن ئالغان سىنالغۇ لېنتىلىرىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق جەريانىدا بىر ساقچىنى ئۇرغان بىر نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغان.
2008-04-30
19 - ئاپرېلدىن 24 - ئاپرېلغىچە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى" ھەمدە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ھەپتىلىك گېرمانىيە زىيارىتى 29 - ئاپرىل كۈنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.
2008-04-30
30- ئاپرىل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيىنىڭ توكيو شەھرىدىكى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ زالىدا تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2008-04-30
تارىخ تەتقىقاتچىسى ۋادىن ئوبۇقۇفنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن "6 ئىمپېرىيىنىڭ توقۇنۇشى: شىنجاڭ ئۈچۈن كۈرەش" ناملىق ئەسىرى ئالدىنقى يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان.
2008-04-30
لوس ئانجىلىس تايمىس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ھازىر ئولىمپىككە 100 كۈن قالغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىغان مۇسابىقە پائالىيەتلىرى باشلاندى. بۇ شەھەردە ھاياجانلىق ۋە ئەندىشىمۇ تەڭ مەۋجۇت.
2008-04-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ دىنىي تەشكىلات يېتەكچىلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا.
2008-04-30
جەنۇبىي كورىيە تەشكىللىگەن مەخسۇس ساقچىلار ھازىر، ئۆتكەن ھەپتىدە جەنۇبى كورىيىنىڭ سىئول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە نەق مەيداندىن ئېلىنغان سىنئالغۇ خاتىرىلىرىگە ئاساسەن، جەنۇبىي كورىيىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئادەم ئۇرغان جىنايەتچىلەرنى ئىزدەپ تۇتۇشقا كىرىشتى.
2008-04-30
يېقىندىن بۇيان دۇنيادا مىقياسىدا، تەيۋەن يازغۇچىسى بو ياڭ ئەپەندىنىڭ "رەزىل جۇڭگولۇقلار" دېگەن ئەدەبىي مىراسنى ئەسلەيدىغان كىشىلەر كۆپەيدى.
2008-04-30
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پېرىئو بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتتە نامايىش قىلغان 30 كىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىغا ئامېرىكا ئەپسۇسلىنىدۇ، دېدى.
2008-04-29
28- ئاپرېل خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىلىك گېزىتىدە " ئۇيغۇرلار خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكلى ئۆزگەرگەن مۇھىتتا كۈرەش قىلماقتا "ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر ماقالە ئاپتورى پېتىر فوردنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان زىيارىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
2008-04-29
يېقىندا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش ئىشتىراكچىلىرى، بارىن ئىنقىلابىنى ئەسلەش ، بۇ يىل 3 - ئايدا خوتەندە تېنچ نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە لايىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان.
2008-04-29
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شىۋېتسارىيىنىڭ بېرن شەھىرىدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىۋىتسارىيىدە ئېچىلغان 27 چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق مەھكىمىسى ھازىر دۇنيادا ئاشلىق، ماي، شېكەر قاتارلىق ھەرخىل ئاساسىي يېمەكلىك باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى مۇشۇ مەزگىلىدىكىدىن %50 چامىسىدا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.