ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-30
خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى "شەرقىي تۈركىستانچىلار 6 - ئايدىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىنى قارىغا ئالماقتا' سەرلەۋھىلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 'خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئىغۋا تارقاتتى' ۋە 'خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئولىمپىك مەشئىلىنى شىنجاڭدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۈشكۈرتتى' دەپ ئەيىبلىدى.
2008-05-30
قاراقاش ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن مائارىپ ئىدارىسى قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 23 - ماي نامايىشىغا قېتىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان 14 نەپەر مەھكۇمنىڭ ئارىسىدا 3 ئۆسمۈر بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. تۈنۈگۈن ئىگىلىشىمىزچە ، 3 ئۆسمۈرنىڭ جازالانغانلىقىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ئىدى. بۈگۈن بۇ 3 ئۆسمۈرنىڭ قاراقاش ناھىيىلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2 - ۋە 3 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2008-05-30
29 - ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قۇرۇلغان كۇن. تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش شىتابىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى.
2008-05-30
مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋر ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە ئاخىرلاشتى . بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ، رۇسىيە فېدېراسيونى، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 75 ئەتراپىدا بىلىم ئادىمى قاتناشقان.
2008-05-30
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1962 - يىلى 29 - ماي كۈنى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2008-05-30
خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادادىكى يۇرتىدا چىقىدىغان "بۇرلىنگتون پوچتا گېزىتى" جۈمە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۈرمىدىن قەشقەردىكى ئانىسىغا يازغان ۋە يېقىندا كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خېتىنىڭ كىشىنى بىئارام قىلماي قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلى ئۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-05-30
ياپونىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ھەربىي ئايرۇپىلاندا توشۇش پىلانىدىن ، خىتايلارنى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2008-05-30
ياپونىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ھەربىي ئايرۇپىلاندا توشۇش پىلانىدىن ، خىتايلارنى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2008-05-30
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 22756 غا يەتكەن شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىش نىسبىتى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 4 - ئورۇننى ئىگىلىگەن.
2008-05-30
شىنخۇا تورىنىڭ تارمىقىدىكى "خەلقئارا ئاۋانگارت يېتەكچى" گېزىتى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئالغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى.
2008-05-30
شىنخۇا تورىنىڭ تارمىقىدىكى "خەلقئارا ئاۋانگارت يېتەكچى" گېزىتى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئالغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى.
2008-05-30
خىتاينىڭ ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش دائىرىلىرى جۈمە كۈنى سىچۈەننىڭ ميەنياڭ رايونىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ گۈمۈرۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن سۇ ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان يېزا - كەنتلەردە بىر مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
2008-05-29
ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى 28 - ماي سانىدا، ئۇيغۇر رايونلۇق خىتاي سوتىنىڭ 14 نەپەر ئۇيغۇر مەھكۇم ئۈستىدىن سوت ئاچقانلىقىنى؛ مەھكۇملارنىڭ 23 - مارت قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن نامايىشقا قېتىلغانلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. قاراقاشتىكى نامايىش، خوتەن ئاياللار نامايىشى بىلەن ئوخشاش كۈن، ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسى، 23 - مارت ئاياللار نامايىشى ھەققىدە ئاشكارا بايانات بەرگەن بولسىمۇ، قاراقاش نامايىشىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
2008-05-29
بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا قوش تىللىق مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.