ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-30
بۇ يىل 28 - ئىيۇن كۈنى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكىتى پارتلىدى. مەزكۇر ۋەقە 14 - مارت لخاسا ۋەقەسى، 23 - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا يۈز بەرگەن 3 - چوڭ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ۋەقەگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلگۈچى تەرەپلەر ئوخشىمىغان قاراش ۋە مەيدان ئىپادىلىمەكتە.
2008-06-30
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان نازۇك تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىش، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە يەرشارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور خەلقئارا مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق رايىسنىڭ زىيارىتىدىكى سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
2008-06-30
ئامېرىكىدىكى "راند" RAND شىركىتى ئىقتىسادىي پايدا قازىنىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان شىركەت. 1945 - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوبېكتىپ تەھلىل ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن يۇقىرى ئىناۋەت قازىنىپ كېلىۋاتقان بۇ شىركەت يېقىندا، خىتاي ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.
2008-06-30
يېقىندا موسكۋا ساقچىلىرىنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان رۇس مىللەتچى ياشلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ ئېنىقلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
2008-06-30
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەيسەرىدىن ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسى پارتىيىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ يېقىندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2008-06-30
28 - ئىيۇن كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئاتاقلىق كومپوزىتور، دۆلەت ئەربابى قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىك تىياتىرىنىڭ ئالدىدا تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىس، مۇزىكانتلىرىنىڭ ناخشا ، ئۇسۇل تەنتەنىسى ئىچىدە باشلاندى.
2008-06-30
ئىنسانلار ھاياتلا بولىدىكەن، ئۆزئارا بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ھەم توپلىشىپ ياشاشقا مۇھتاج بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزگە سورۇن ۋە سورۇنداشلارغا بولغان ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ مۇجادىلە سۈرىسىدە:" ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: "ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار"دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ( رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى)كېڭەيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن) "ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار" دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار" دەپ كەلگەن.
2008-06-30
2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئابدۇلقادىر ئاقيول يىغىن زالىدا قىرغىز خەلقىنىڭ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى چىنگىز ئايتىماتوۋنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-06-30
چارەك ئەسىردىن بۇيان زىمبابۋېدە ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان روبېرت مۇگابې ناھەق ۋاسىتىلەر بىلەن زىمبابۋېگە يەنە پرېزىدېنت بولۇپ سايلىغاندىن كىيىن، ب د ت دە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەر زىمبابۋېگە جازا قوللىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
2008-06-30
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ "دىنىي ۋە مىللىي ئىشلارغا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاسپىرانتلىق بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى" 28 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئاياغلاشقان بولۇپ، تەڭرىتاغ ئاخبارات تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كۇرس خىتاي دۆلەتلىك سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللەنگەن ئىكەن.

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى مۇشۇ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خىتاي تەرەپ بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىپ ئىككى كۈن داۋام ئېتىدىكەن.

گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋېڭئەن ناھىيىسىدە 28 - ئىيۇن شەنبە كۈنى ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇش يەكشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئاران تىنجىتىلغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى نامايىشقا قاتناشقۇچىلىرىدىن نەچچە يۈز ئادەمنى قولغا ئالغان.