ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-27
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان پەرھات ھۇزەيفەنى دۈشمەن جەڭچىسى دەپ بېكىتكەن قارارىنى رەت قىلدى. فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا، پەرھاتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ياكى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
2008-06-27
ئامېرىكىدىكى "راند" RAND شىركىتى ئىقتىسادىي پايدا قازىنىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان شىركەت. 1945 - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ تەھلىل ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن يۇقىرى ئىناۋەت قازىنىپ كېلىۋاتقان بۇ شىركەت يېقىندا، خىتاي ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.
2008-06-27
25 - ئىيۇن كۈنى ئالماتادا ، ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ناخشا، ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
2008-06-27
قولدىن كەتكەن ھەممە نەرسە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەخمەقلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىنساننىڭ قولىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر.
2008-06-27
ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە ئاز قالغان شۇ كۈنلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولىمپىككە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتماي داۋام قىلماقتا. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنقەرەدە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش چوڭ نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-06-27
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئەزاسى ھەلگا ترۈپېل ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تەنقىد قىلدى.
2008-06-27
ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ۋە 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاشتۇرۇش كېلىشىمىدىن كېيىن، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى يوڭبيەندىكى بىر يادرو رېئاكتور قازىنىنىڭ تۇرخۇنىنى پارتلىتىپ تاشلىدى.
2008-06-27
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئەزاسى ھەلگا ترۈپېل ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تەنقىد قىلدى.
2008-06-27
فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلات خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈش، بۇ يىل كىرگەندىن بېرى 24 نەپەر ئوخشىمىغان پىكىردىكى مۇخبىر ۋە تور يازغۇچىسىنى قولغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
2008-06-27
فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلات خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈش، بۇ يىل كىرگەندىن بېرى 24 نەپەر ئوخشىمىغان پىكىردىكى مۇخبىر ۋە تور يازغۇچىسىنى قولغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
2008-06-27
نېپال دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كاتماندۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان تىبەت مۇساپىرلىرىدىن تەخمىنەن 70 دەك كىشىنى قولغا ئالغان. نېپال پايتەختى كاتماندۇدىكى بىر ساقچى ئەمەلدارى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا 70دەك تىبەت نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنى كېيىنچە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-06-27
دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى 2008 - يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارنىڭ %15 نى دەلىل -پاكىتلارنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئۇيغۇن ئەمەسلىك سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. لېكىن بۇ 6 ئاي ئىچىدە زادى قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى يەنىلا دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنمىدى.
2008-06-26
نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشنى تەشكىللەشتىن مەقسەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن ئىكەن.