ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-01
يەكشەنبە كۈنى لىۋاندىكى ھىزبۇللا پارتىيىسى قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ھىزبۇللا پارتىيىسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ھەربىي خادىمىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى.
2008-06-01
رۇسىيە يازا ئىگىلىك دائىرىلىرى 7 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن تۈركىيىدىن رۇسىيىگە ئېلىپ كىرىلىدىغان بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيىگە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چەك قويۇش پەقەت ۋاقىتلىق خاراكتېرىغا ئىگىدۇر. ئەمما قاچاندىن باشلاپ يەنە قايتىدىن كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؟ بۇ تېخى نامەلۇم.
2008-06-01
يەكشەنبە كۈنى لىۋاندىكى ھىزبۇللا پارتىيىسى قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ھىزبۇللا پارتىيىسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ھەربىي خادىمىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى.
2008-06-01
قىرغىزىستاننىڭ 24 سائەت دەپ ئاتالغان ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە كۇن ئىلگىرى بىشكەك ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ بىر نەپەر خادىمى قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب فاۋساۋات چائۇن لاماي ئىسىملىك مەزكۇر خادىمنىڭ شەھەر ئىچىدە ئىجارىدە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيگە ئوت كېتىشىدە ئۇنىڭ جاۋابكارلىقى بار دەپ ئەيىبلىنىشى ئىكەن.