ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-26
مۇشۇ يەكشەنبە يەنى 22 - ئىيۇن كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە فرانسىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
2008-06-26
تۈنۈگۈن چۈش سائەت ئۈچتە نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە داغدۇغىلىق نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.نامايىشنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ نامايىشنىڭ مەقسىتى پات يېقىندا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشتىن ئىبارەت.
2008-06-26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ كېلىشىگە ۋە ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 6 - ئاينىڭ 25 كۈنى، كانادانىڭ تورونتو ۋە ۋانكۇۋېر شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-06-26
مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. بۇ تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش، ئايرۇدۇرۇملاردا ئۆرتۈگلۈك مۇسۇلمان ئاياللارنى تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر يولۇچىلارغا مىھمانخانا بەرمەسلىك قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپلا قالماي، بۇ يەنە بېيجىڭدىكى بىر ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يېنىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا جازىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تاسادىپى ھۇجۇمىغا قارشى تۇرماقچى بولغانلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
2008-06-26
ئامېرىكىدىكى " راند " RAND شىركىتى ئىقتىسادىي پايدا قازىنىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات شىركىتى. 1945 - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ تەھلىل ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن يۇقىرى ئىناۋەت قازىنىپ كېلىۋاتقان بۇ شىركەت يېقىندا، خىتاي ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.
2008-06-26
ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قارارى بىلەن، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. سوت پەرھات ھۇزەيفە داۋاسىدىكى قارارى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئاچتى. ئەمدىكى مەسىلە مەھبۇسلارنىڭ قەيەرگە يەرلىشىش مەسىلىسىدۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتتە. بۈگۈن ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋال سىترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ناملىق ماقالە مانا بۇ ھەرىكەتلەردىن بىر پارچىدۇر.
2008-06-26
يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن قىرغىزىستانغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جۈملىدىن قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى پاش قىلىپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناچارلىشىۋاتقان ئەھۋالىغا كۆڭۈل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
2008-06-26
ئىراقتا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە ئاپتوموبىل پارتلىتىش ھادىسىلىرىدە ئاز دېگەندە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرىدە ھۆكۈمەت بىناسى يېنىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 18 ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندە 62 ئادەم يارىلانغان.
2008-06-26
قەدىمقى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كارىز، نۆۋەتتە قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.
2008-06-26
تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلى، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەتكە يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتقىدا دالاي لامانى ئالاھىدە تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بېيجىڭدىن سىياسەت بىلەن تەنتەربىيىنى ئايرىپ قارىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
2008-06-26
خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى، شاڭخەي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەر، فالۇنگۇڭ ئەزالىرى ۋە باشقا تەنقىدچىلەرگە قارىتا ئالاھىدە چارە قوللانغانلىقىنى پاش قىلدى.
2008-06-25
د ئۇ ق رەئىسى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بېلگىيىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئەركىنلىك مەشئىلى كۆتۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندىن باشقا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مەخپىي بىر يىغىن ئۆتكۈزگەن.
2008-06-25
25- ئىيۇن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كىرگەنلىكىگە نارازلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
2008-06-25
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ توكيو ئەلچىخانىسى ئالدىدا ، بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ئاخباراتچىلار ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ 150 تەك كىشى قاتناشقان.