ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-25
سېيبىن ۋەلىت، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولۇشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھۆددىسىگە ئالغان ۋە بىر نەچچە يىلىدىن بېرى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، بۇ يولدا ھارماي - تالماي ۋە ئۆز خىراجىتى بىلەن مېڭىۋاتقان ئامېرىكىلىق بىر ئادۋوكات.
2008-06-25
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن شىۋىتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھۇلىمدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
2008-06-25
خ ئو ك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. خ ئو ك تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.
2008-06-25
قازاقىستانلىق رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" ماۋزۇلۇق موسكۋادا نەشىر قىلىنغان كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى 1945 - يىلى 9 - ئايدا ئالتاينى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، بۇ جايدا مىللىي ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، ئوسمان ئىسلامنى ۋالىيلىققا تەيىنلىگەن بولسىمۇ لېكىن، ئوسماننىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.
2008-06-25
ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 85 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىي ئۆمەرجان ساتتار، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى پاجىئەلىك ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى ھەمدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە رابىيە قادىر خانىمنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-06-25
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا سىم توساق قويغان ۋە يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلۇقىغا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئالتە ھەپتىلىك ھەرىكەت پىلانلىغان.
2008-06-25
بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان كىشىلەردىن 200 دەك ئادەم نامايىش ئۆتكۈزدى.
2008-06-25
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن چارشەنبە كۈنى، يەنى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىسكادىرونىنىڭ باشلىقى جۇ يىڭلياڭ، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى چوڭ ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى ۋە پاش قىلىنغان مۇھىم دېلولارنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2008-06-25
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن چارشەنبە كۈنى، يەنى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىسكادىرونىنىڭ باشلىقى جۇ يىڭلياڭ، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى چوڭ ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى ۋە پاش قىلىنغان مۇھىم دېلولارنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2008-06-25
ئۇيغۇرلار بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، توكيودا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ياپونلاردىن بولۇپ 150 ئادەم خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدا 'كىشىلىك ھوقۇق بولمىغان ئەلدە ئولىمپىك بولمايدۇ' دەپ شۇئار توۋلىدى.
2008-06-25
فىلىپپىننىڭ قىرغاقتىن - قىرغاققا يولۇچى ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان كېمىسى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى 'فېڭشېن' بەلگىلىك دېڭىز چاپقۇنىغا ئۇچراپ 800 كىشى بىلەن دېڭىزدا غايىپ بولغان ئىدى.
2008-06-24
مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شايار ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدا تارقاق ھەج قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
2008-06-24
ياپونىيىنىڭ غەربىي خېروشىما ۋىلايىتىگە تەۋە كۇرە ئارىلى (كۈرە ئارىلىنى بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ زېمىنى دەپ كەلگەن ئىدى) دىن كەلگەن 4 مىڭ 650 توننىلىق 'سازانامى' ناملىق ھەربىي پاراخوتى، بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خىتاي تۇپرىقىغا قەدەم باستى.
2008-06-24
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپلىرىگە كىرىپ ئوقۇپ ئالىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
2008-06-24
ھەممىگە مەلۇمكى، مەكتەپ ئىلىم - ئىرپان بۇلىقىدۇر. ئۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان جەننەت باغچىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئىلىم - مەرىپەتنى قەدرىنى بىلگەن مىللەتلەر تارىختىن بىرى پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىسى ئۈچۈن مەكتەپلەرنى كەڭ ئېچىش ئىشىغا زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.