ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-24
6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چاقىرىلغان " گېرمانىيە تاشقى سىياسەت مۇھاكىمە يىغىنى" توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن بىرگە، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئىرانغا قارىتا تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.
2008-06-24
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، سەيشەنبە كۈنى بېلگىيىگە يېتىپ باردى. رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ئەپەندى، رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك بېلگىيىدە ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتلار ئاڭلاتتى.
2008-06-24
زىمبابۋىدا داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمى، ئوكتىچى نامزات تەرەپدارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن كرىزىسقا دۇچ كەلدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پرېزىدېنت Robert Muagabe تەرەپدارلىرى ئوكتىچى گۇرۇپپىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى Morgan Tsvangra تەرەپدارلىرىغا قارىتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغاندىن كېيىن، ئوكتىچى گۇرۇپپا نامزاتى مورگان جۈمە سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2008-06-24
ياپونىيە ھەربىي پاراخوتى، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جانجياڭ پورتىغا قەدەم باستى. پاراخوتتا بۇ قېتىم ئېلىپ كېلىنگىنى قورال - ياراق ئەمەس بەلكى ياردەم ئەسلىھەلىرى. شۇنداقتىمۇ، بۇ پاراخوت يەنىلا بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
2008-06-24
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 20 - ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يىل ئالدىنقى 5 ئايلىق ئېكىسپورت - ئىمپورت ئومۇمى سوممىسى 696 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونى تاشقى سودا سوممىسىدا خىتاي بۇيىچە بىرىنچىلىك ئورنىنى داۋاملاشتۇرغان.
2008-06-24
ئاقسۇ شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى شايار سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەجگە تەشكىللىگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
2008-06-24
تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ، سايلام مەزگىلىدە رىقابەتچىسى Xie changting نىڭ ئۆزىگە بۈھتان چاپلىغانلىقى ھەققىدە سوتتا داۋا ئاچقان ئىدى. تەيبېي سوت مەھكىمىسى بۈگۈن مەزكۇر داۋا ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى. قارار نەتىجىسىدە مەزكۇر داۋادا ئۇتتۇرغان تەرەپ پرېزىدېنت ما يىڭجيۇ بولدى.
2008-06-24
ياپونىيە ھەربىي پاراخوتى، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جانجياڭ پورتىغا قەدەم باستى. پاراخوتتا بۇ قېتىم ئېلىپ كېلىنگىنى قورال - ياراق ئەمەس بەلكى ياردەم ئەسلىھەلىرى. شۇنداقتىمۇ، بۇ پاراخوت يەنىلا بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
2008-06-24
بۈيۈك ئىرا تور بېتى 2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 38 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېنىن، ستالىن جۇڭگولۇققا قۇرۇپ بەرگەن بۇ پارتىيە - كوممۇنىستىك پارتىيە بۈگۈن ئالدامچىلىقنىڭ سىمۋولى، تارىخىي ئاچارچىلىقنىڭ سىمۋولى، تارىخىي ۋە رىئال قاتىللىقنىڭ سىمۋولى، پۇقرالارنى ستالىنچە باستۇرۇشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.
2008-06-23
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلپىن ناھىيىسى يۇرچى يېزىسىدا يېقىندا چېقىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ چېقىلىش سەۋەبى توغرىسىدا تەرەپلەر ئوخشىمىغان پىكىرلەردە بولماقتا. بەزىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، مەسچىتتە جۈمە نامىزى رۇخسەتسىز ئوقۇلغانلىقى تۈپەيلى چېقىۋېتىلگەن.
2008-06-23
يەكشەنبە كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى يەنىلا تۇرمىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، كانادا ھۆكۈمىتىنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا بېسىمنى قايتىدىن كۈچەيتىشكە ئۈندەش ۋە كانادا جامائىتىنى ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغا جەلپ قىلىش مەقسىتىدە، كوچا ئايلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-06-23
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تورداشلار بىۋاستە سۆزلىشىپ، سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورگىنى 'خەلق گېزىتى' بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، رەئىس خۇ جىنتاۋ 221 مىليون تور ئەھلى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ، 20 مىنۇت ئىچىدە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەردى، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، پىكرىنى ئېلىشتا مۇنەۋۋەر ئۆلگە ياراتتى، دەپ بايان قىلغان.
2008-06-23
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاۋسترالىيە تاموژنىسىغا ئۆي سايمانلىرى قاچىلانغان بىر كونتىنەر كەلدى. كونتىنەرنىڭ ئىچىدىكى يېشىل چاي ماركىسى چاپلانغان 10 دانە يەشىك تەكشۈرۈلگەندە ئۇنىڭ ئىچىدىن 250 كىلوگرام كوكائىن چىقتى. كوكايىننىڭ ئومۇمى قىممىتى 80 مىليون دوللار بولۇپ، گۇماندار خۇ ياڭ ۋە ئۇنىڭ ئايال شېرىكى نەق مەيداندا قولغا ئېلىندى.
2008-06-23
ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا تېز سۈرەتتە ئۆسۈپ كېتىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا جىددىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانماقتا. ماي باھاسىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق ياۋروپا ھەم ئاسىيادىكى نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مەزكۇر نېفىت ئىستېمالچى دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.
2008-06-23
دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ئىنتايىن بۈيۈك. تۈركىيىدە مىڭلارچە ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ بار. تۈرك قانۇنى بويىچە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىككى يىلدا بىر قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىشى كېرەك.