ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-23
بەختكە ئېرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى،مەيلى ساددا پىكىرلىك ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ياكى يېتىشكەن مۇتەپەككۇر، ئالىم بولسۇن ھامان بەختكە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ. شاھلار ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا بەخت ئۈچۈن ئاھ ئۇرسا، گادايلار غېرىبانە كۆلبىلىرىدە بەخت ئىزدەپ چوت سوقىدۇ ۋە ئەڭ شېرىن چۈشلەرنى كۆرىدۇ.
2008-06-23
بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر مەسچىت يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن، ئەمما مەزكۇر مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەر خىل كۆرسىتىلمەكتە.
2008-06-23
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەت قۇرۇلۇشى پروگراممىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي كومپارتىيىسى 2008 - 2012 يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاندا بۇ خىزمەتنىڭ "رەھىمسىز ۋە مۈشكۈللۈكى" كۆرسىتىلگەن.
2008-06-23
بېيجىڭ شەھىرىگە جايلاشقان گېخۋا يېڭى ئەسىر مېھمانخانىسى ئۆزىنى ماختاپ خەۋەر بەرگەن مۇخبىرلارغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ۋارىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر مېھمانخانىدا ئېچىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا تارقىتىلغان.
2008-06-23
ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە "قوش تىل" يەسلىلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىدا خەۋەر قىلىنىشچە، بۇ " قوش تىل" سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.
2008-06-23
23 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇس پەرھات ھۇزەيفەنى ئاقلاپ چىقىپ ئۇنىڭغا ئارتىلغان "دۇشمەن جەڭچىسى" جىنايىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنى قويۇۋېتىش قارارىنى ئالدى.
2008-06-22
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان نېفىت ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تېز سۈرەتتە ئۆسۈپ كېتىشى پەقەت ئامېرىكا خاراكتېرلىق بولۇپ قالماستىن بەلكى دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. ئاھالىلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىدا ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا جىددىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.
2008-06-22
پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلغا تارتىلغان پولات ئارقاندىن مېڭىپ ئۆتۈپ، يېڭى رېكورت يارىتىشنى پىلانلىغان ئىكەن.
2008-06-22
21 - ئىيۇن كۈنى فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى قىسىمى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، مەزكۇر ئاپەتتە ھازىرچە 150 نەچچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2008-06-22
ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بىر بىرلەشمە ئەترىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ زايسان ۋىلايىتى ئارىسىدىكى 400 كىلومېترلىق چېگرا لىنىيىسىدە بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارغان.
2008-06-22
ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بىر بىرلەشمە ئەترىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ زايسان ۋىلايىتى ئارىسىدىكى 400 كىلومېترلىق چېگرا لىنىيىسىدە بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارغان.
2008-06-22
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەدنان قارابايېۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسىنىڭ مۇئاۋىنى جورج كرول بىلەن 20 - ئىيۇن كۈنى كۆرۈشۈپ، مەخسۇس قىرغىزىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ۋىزا تۈزۈمى مەسىلىلىرىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
2008-06-21
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلى شەنبە كۈنى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدىن ئۆتتى.
2008-06-21
خىتاي ساقچىلىرى شەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ دۇجىياڭيەن شەھىرىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان، يېقىندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە مەكتەپ بىنالىرىنىڭ چۆكۈپ كىيىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى قولغا ئالدى.
2008-06-21
6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ،" دېدى.