ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-07-25
بىز قاچان "مەن بىلىمەن" دېيىشىمىز كېرەك، بەلكى بەلگىلەنگەن تەلەپپۇز بۇيىچە بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، بىز قاچان ئىشەنچلىك ھالدا:" بۇ ئىش مەن گۇمانلانماي بىلىشكە تىگىشلىك ئىش ئىدى"، دېيەلىشىمىز كېرەك، مۇبادا بەلگىلەنگەن باسقۇچقا يېتەلمىگەندە، مەلۇم جەھەتتە ھەم ھۆكۈم ئاساسىدا بىز قاچان، "مەن ئىشىنىمەن"، "مىنىڭ قارىشىمچە"،"مىنىڭ پىكرىم بار ئىدى"، "بۇ مەن ئىشىنىدىغان ھەقىقەت ئىدى"، دېيەلىشىمىز كېرەك؟
2008-07-25
نېپال ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى پايتەخت كاتماندۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان تىبەت مۇساپىرلىرىدىن يۈز نەچچە كىشىنى قولغا ئالغان.
2008-07-25
خىتاي شاڭخەيدە بىر خەلقئارا " تېررورلۇق گۇرۇھى" نىڭ پاش قىلىنغانلىقى، بىر قىسىم تېررورچى گۇماندارلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا دائىر ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلماقتا.
2008-07-25
شاڭخەيدىكى ئەڭ ئىگىز بىنالارنىڭ بىرى بولغان شاڭخەي خەلق مەيدانىدىكى 55 قەۋەتلىك مىڭتيەن Mingtian سارىيىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرىدە بىناغا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە چىڭخەيلىك تۇڭگانلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن.
2008-07-25
شاڭخەيدىكى ئەڭ ئىگىز بىنالارنىڭ بىرى بولغان شاڭخەي خەلق مەيدانىدىكى 55 قەۋەتلىك مىڭتيەن Mingtian سارىيىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرىدە بىناغا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە چىڭخەيلىك تۇڭگانلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن.
2008-07-25
ئامېرىكىنىڭ خوللىۋۇد كىنو چولپانى، كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى مىيا فارروۋ جۈمە كۈنى دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
2008-07-25
بوشۈن تور بېكىتىنىڭ خوڭكوڭدا چىقىدىغان " داگۇڭباۋ" گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى نوپۇزلۇق زاتلار خىتاي دائىرىلىرى نەچچە يىللاردىن بېرى تەستىقلاشنى ئارقىغا سۈرۈپ كېلىۋاتقان ب د ت نىڭ " پۇقرالارھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى"نى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن تەستىقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-07-24
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكىگە خاتىمە بېرىش،ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىش، سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قارارنامە ھازىرلىغان بولۇپ، كومىتېت رەئىسى بېرمان چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي توغرىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا قارارنامىنىڭ ئاساسى روھىنى تونۇشتۇردى.
2008-07-24
ئولىمپىياتقا 2 ھەپتە قالغاندا كۈنمىڭ شەھىرىدە 3 ئاپتوبۇس پارتلاپ، 3 كىشى ئۆلگەن ۋە 14 كىشى يارىدار بولغان ئىدى. بۇ ۋەقە تېخى بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ، تۈنۈگۈن يەنە شاڭخەيدە بىر ئاپتوبۇس پارتلىغان. بۇ ۋەقەدە ئاۋۋال ئاپتوبۇستا ئوت يانغان، ئارقىدىن پارتلىغان. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ بىر پارتلىتىش ۋەقەسى ياكى ئوت كېتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
2008-07-24
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىككى ھەپتە قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىي ھالەت تۈسىنى ئالغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جىددىي قىياپىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. قانچە ئونمىڭلىغان ئەسكەر، ساقچى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن تارتىپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بېيجىڭنىڭ ئەنسىز ۋەزىيىتى ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
2008-07-24
بوشۈن تور بېتىنىڭ قىزىق نۇقتىسى: بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مۇخبىر تەن مىڭ. خەۋەر مۇنداق باشلاندى: ئومۇمەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ياخشى خەۋەرلىرىنى كۈتۈپ ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر دىققەت! ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىڭلار! بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە دەھشەتلىك قان تۆكۈلۈشى مۇمكىن.
2008-07-24
ئۇيغۇر ئېلى مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېغىر بولغان بىر يىل بولغان بولۇپ ،ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ يۈز بېرىشكە باشلىغان قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرى كۆپ قىسىم جايلارغا كەڭ دائىرىدە ھەم ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
2008-07-24
دۇنيانىڭ كۆزىدىن ئۇزاق ھالدا ئۈن - تىنسىز ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسا، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سانسىز تەلەيسىز قىسمەتلەرمۇ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.