ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-13
رۇسىيە قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ 8 - ئاۋغۇستتا گرۇزىيىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، رۇسىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي ئاسسېتىيە رايونلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن سىرت يەنە گرۇزىيىنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، پايتەخت تىبلىسقا يېقىنلاشقان جىددىي بىر پەيتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختاپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلىشىش ۋەزىيىتى يارىتىلدى.
2008-08-13
4 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە، 10 - ئاۋغۇست كۈنى كۇچادا، 12 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەردە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىماقتا. دۇنيا مەتبۇئاتلىرى بۇ خەۋەرنى ئانالىز شەكلىدە بەرمەكتە.
2008-08-13
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "ۋاقىت " گېزىتىنىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى روسېماري رىغتەرنىڭ مەزكۇر گېزىتتە "خىتاي تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلدىمۇ؟" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان.
2008-08-13
خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلىنىشى بىلەن تەڭلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالمۇتىغا چىققان ئۆزىنى ئاشلارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كىشى رادىئومىزنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىغا مەلۇمات بېرىپ، " قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ، " دەپ كۆرسەتتى.
2008-08-13
ئۇيغۇرلار قۇرئان كەرىمنى ناھايىتى بەك ئۇلۇغلايدۇ. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتمايدۇ، تاھارەتسىز ئوقۇمايدۇ. ئۇنى ئوقۇغاندا ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۆكسىنىڭ ئۈستىدە ئېگىز تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇنى ساقلىغاندىمۇ ئۆيلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا قويۇپ ساقلايدۇ. قۇرئان ئوقۇلغان جايدا ئەدەب بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇنى ئىخلاس بىلەن تىڭشايدۇ.
2008-08-13
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىنتايىن يېقىملىق ئاۋاز ۋە ئوماق بەدەن ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ ۋەتەن ھەققىدە ناخشا ئېيتقان لىن مياۋ ئىسىملىك بىر كىچىك ناخشا چولپىنى دۇنياغا تونۇلغان ئىدى.
2008-08-13
قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھازىر دۇنياغا تارقىلىپلا قالماي، بەلكى خەلقئارادا مۇنازىرە قوزغىدى.
2008-08-13
گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشۋىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، گرۇزىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسى ئاساسىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا يېقىندا رۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئىككى جاينى رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى رايونلار دەپ جاكارلىدى.
2008-08-13
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلارغا قولايلىق يارىتىدۇ دەپ جاكارلانغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئەتراپىغا، 12 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىكلىرى كىردى.
2008-08-13
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى مىللىي كادىرلارنى مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاشكارىلىدى. دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىمۇ مىللىي رەھبىرى كادىرلار ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە چىقارغان.
2008-08-12
بۈگۈن ئەتىگەن قەشقەردە يەنە ۋەقە چىقتى. ۋەقەدە يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا يول تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا، 3 نەپەر ئامانلىق خادىمى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىر نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان.
2008-08-12
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىشقا باشلاپ، مۇشۇ بىر مۇراسىم ئۈچۈنلا 400 مىليارد يۈەن پۇل سەرپ قىلدى. بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىنغان ئادەم سانى چەكسىز.
2008-08-12
كۆزىتىش تور بېتى، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نورۋېگىيە "تىبەت ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: يەر شارى خەلقى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىنى مەشئەل ياندۇرۇپ تىبەتكە ياردەم بېرىش كۈنىگە ئايلاندۇردى. مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان 48 دۆلەت ۋە رايوندا مەشئەل ياندۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو رەھبەرلىرىگە "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مۇكاپاتى" تارقاتتى.
2008-08-12
4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى ۋە 9 - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر بۈگۈن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە قىززىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت كەڭ دائىرىلىك مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەرگە يول ئېچىپ بەردى.
2008-08-12
سۆز ئېغىردىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز - چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە - پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل - مەنىۋى راكتۇر.