ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-04
خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەترىتى بۇگۈن ئەتىگەن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا 16 نەپەر ئەسكەر ئۆلگەن، 16سى يارىلانغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار 28 ۋە 30 ياشتىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش بولۇپ، ئۇلار قولغا ئېلىنغان.
2008-08-04
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بىر قانچە كۈن قالغان شۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىشلار كۆپەيمەكتە. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياپونىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دە ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىغا 500 مېتىر ئۇزاقلىقتىكى شىباكويىن باغچىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2008-08-04
فرانسىيىلىك خىتايشۇناس مۇخبىر روگېر فالىگوت تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە 2008 - يىلى 6 - ئايدا فرانسۇز تىلىدا نەشر قىلىنغان "خىتاينىڭ مەخپىي خىزمەت ئىدارىسى: ماۋ زېدۇڭدىن ئولىمپىك يىغىنىغا قەدەر" دېگەن ئەسەردە، خىتاينىڭ ئەل - قائىدە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، خىتاي تەرەپ ئەل - قائىدەنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايدا پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2008-08-04
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشىغا بىر قانچە كۈن قالغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، قاتناش ئەسلىھەلىرىگە كاپالەت بېرىشكىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بەرمەكتە.
2008-08-04
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقى ئۈچۈن 2002 - يىلى 28 مىليارد يۈەن خامچوت پىلانلىغان ئىدى. 2003 - يىلى بۇ پىلاننى كۆپەيتىپ 95 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى. 2008 - يىلى 3 - ئايدا يەنە بۇ پىلاندىكى خامچوتنى كۆپەيتىپ 400 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى.
2008-08-04
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى 30 - ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئېغىر چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى، ئىنتېرنېتتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى، ب ب ك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تور بېتىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى، ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى قەستەن ئاستىلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر ھەر ساھە ئاممىنىڭ جىددىي دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.
2008-08-04
ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە ۋاقىت ئاز قالغانچە شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ ئولىمپىك ھەققىدىكى ماقالىلىرى ۋە خەۋەرلىرى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.
2008-08-04
1918 - يىلى رۇس قىزىل ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەندە، ئالماتا ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا كوللىكتىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئىدى.
2008-08-04
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 4 - ئاۋغۇست، بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان سەپىرى ئۈچۈن يولغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ نۆۋەت خىتايغا بارغاندا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىدىكەن.
2008-08-04
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن، قەشقەر شەھىرىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش، بومبا قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە 16 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان.
2008-08-04
ئولىمپىك ئۇچۇن بېيجىڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مۆلچەردىكىدىن كوپ تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى كۆپىنچە مېھمانخانىلار ياتاق باھاسىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
2008-08-04
4 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈۋېتىلگەن 20 گە يېقىن كىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ نامايىشچىلار 2003 - يىلى ئولىمپىككە ئالاقىدار قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن، ئەمما ھازىرغىچە مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەر ئىكەن.
2008-08-04
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا كوچا يايمىچىلىرىدىن، زىيالىيلارغىچە ھەر ساھە كىشىلىرى ئىچىدە خىتاي ئولىمپىكىگە نارازىلىق پىكىرلىرى خېلى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ئۆز نارازىلىقىنى ناھايىتى يوشۇرۇن يوسۇندا ئىپادىلەشكە مەجبۇر ئىكەن.
2008-08-02
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بېيجىڭغا بېرىلگەندە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.
2008-08-02
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت قالغان بىر مەزگىلدە، خىتايدا بەزى ئىنتېرنېت توربەتلىرىنىڭ ھېلىمۇ قامال قىلىنغانلىقى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.