ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-21
ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا، بېيجىڭدا نامايىش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت بېرىلگەن 3 رايوندا ھازىرغا قەدەر بىر قېتىممۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى نامايىش ئىلتىماسلىرىنىڭ ئىزچىل رەت قىلىنىشى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن.
2008-08-21
ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل ئورۇنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن تارتىپ " قۇياش نۇرى ھەرىكەت پىلانى " نامىدا، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۆت قەدەم باسقۇچ بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتى 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىچە داۋاملىشىدىكەن.
2008-08-21
پەرۋەز مۇشەررەپنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى پاكىستان ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگۈسى زور بىر ئۆزگىرىشتىن بىر سىگنال دەپ قارالماقتا. ئەمما بۇ ئۆزگىرىشنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتدار تەرەپلەرنىڭ قايسىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى نۆۋەتتىكى سىياسىي مۇلاھىزىلەرنىڭ قىزىق تېمىسىدۇر.
2008-08-21
خىتايدا 'خەلقئارا قائىدە بۇيىچە ئىش كۆرۈش' دېگەن سۆز ناھايىتى كۆپ سۆزلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى قانداق؟ بۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلىدا'دا 'خەلقئارا قائىدە' بىلەن 'جۇڭگونىڭ ئەھۋالى' توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار سېلىشتۇرۇلغان بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.
2008-08-21
باش شتابى بېلگىيىنىڭ برۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەركىزىي نىشانى كىشىلىك ھوقۇقنى دۇنيا خاراكتېرلىك ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
2008-08-21
تۈركىيىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى فارۇك زابچى ئەپەندى ئولىمپىكنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىغا مەخپى ھالدا بېرىپ خەۋەر يازغان مۇخبىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ "ئۇيغۇرلارغا ئولىمپىك بېسىمى" ناملىق چاتما ماقالىلىرى ھۆرىيەت گېزىتىدە رەسىملەر بىلەن بىللە ئېلان قىلىندى.
2008-08-21
يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتكەن. مەزكۇر پارتىيىدىن كېلىپ چىققانلار پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتتە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال باشقا ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنماقتا. ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى ئەنە شۇ سەۋەبتىن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.
2008-08-21
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تىرىشچان بىر مىللەت بولغانلىقتىن، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگەك سۆيەرلىكى بىلەن بارغان جايلىرىدا، ئۆزلىرىنى شۇ جايلارنىڭ يەرلىك خەلقلىرىدىن قېلىپ قالمايدىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىگە چىقىرالىغان ئىكەن.
2008-08-21
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردېن بروۋېننىڭ لوندون داۋنىڭ كوچىسىدىكى ئىشخانىسى، بروۋېننىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلانغان بېيجىڭ سەپىرىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2008-08-21
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە 4 - ئاۋغۇستتىكى خىتاي ژاندارما قىسىملىرىغا تەۋە 16 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2008-08-21
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامو ئارىلىدا 6 يىلدىن بېرى ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، لېكىن قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقسا قويۇپ بېرىلىشى مۇقىملاشقان 3 نەپەر چەتئەللىك تۇتقۇنغا پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.
2008-08-21
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىكنىڭ بوكس تۈرىگە قاتنىشىۋاتقان قانات ئىسلام، بوكس تۈرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە باھاما ماھىرى تورېنو جونسوننى يەڭگەندىن كېيىن، جۈمە كۇبا ماھىرى كارلوس بانتېكس سۇئارېز بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بوكس ماھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىدۇر.
2008-08-21
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامو ئارىلىدا 6 يىلدىن بېرى ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، لېكىن قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقسا قويۇپ بېرىلىشى مۇقىملاشقان 3 نەپەر چەتئەللىك تۇتقۇنغا پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.
2008-08-20
خىتاي دائىرىلىرى نامرات ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى 2003 - يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. 2006 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار سانىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزۈپ كەلدى.
2008-08-20
خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكىدا قازىنىۋاتقان ئالتۇن مېداللىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئاشكارىلىنىۋاتقان ساختىپەزلىكلىرى بىلەنمۇ دۇنيانى ھەيران قالدۇرماقتا. بولۇپمۇ ساختا بالا چولپان ۋەقەسى، ساختا 56 مىللەت كۆرۈنۈشى ۋە تەنھەركەتچى Liu xiang نىڭ ساختا ئاغرىقى خەلقئارا جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىللە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋەقەلەردۇر.