ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-29
خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان ئالىم ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچى، 8 يىلدىن بۇيان گۇيجۇدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى بار خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىپ مۇنازىرىلەر قوزغىغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئالىم، خىتايدىكى 2010-يىللىق 10 تەسىرلىك شەخس نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن.
2010-12-29
ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت 2 خىل تىلدا ئۇچۇر ۋە تەتقىقات مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان ئۇيغۇربىز توربېتى، 5 -ئىيۇل ۋەقەسىدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، مۇلازىمەت دائىرىسىنى چەتئەلگە يۆتكىگەن.
2010-12-28
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ نىشانى بەلگىلەپ، ئۇيغۇر ئېلى "مۇقىملىقىغا ئاساسىي خەۋپنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەن. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان " تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش" ئاتالغۇسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان.
2010-12-28
يېڭى يىل كىرىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە "ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى" باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىنكاسلاردا بۇنىڭ ئاساسىي نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
2010-12-28
2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بولۇپمۇ 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
2010-12-28
يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى دۇنياغا ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتە كېڭىيىپ سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالسا، بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچكە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ۋە يەنە بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز ۋە نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، خىتاينى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان تۇيۇق يولغا باشلايدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ۋەيران بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-12-28
يېقىندا، خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چەتئەللىك ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن تەشكىللىگەن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى تەركىبىدە ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بارغان كانادا قۇرۇلغان "شىنجاڭ توڭشىاڭخۇي" نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرىدە ئىسمائىل، كانادادىكى خىتايچە مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت، مەدىنى-مائارىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-12-28
قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ئۈلۈش قوشقان پېشقەدەم ئالىملارنىڭ بىرى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور تۇغلۇقجان تالىپوف بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ 85 ياشلىق تەۋەللۇدىنى نىشانلاپ ئۆتمەكتە.
2010-12-28
ئاتاقلىق فىقھىشۇناس، تىلشۇناس ۋە تەپسىرشۇناس ئالىم سەدىدۇددىن قەشقىرى 11-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئانا يۇرتىدا دىنىي تەلىمىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەككە بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىككى ھەرەم شەھەرلىرىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جەمئىي 14 يىل بۇ ئىككى شەھەردە ئىستىقامەت قىلىپ ئۆتكەن، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك دىنىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن.
2010-12-28
بۈگۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رۇس تىلى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەزىلەت ئەكبەرنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 4 -ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، جازانى 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان.
2010-12-28
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2010 -يىللىق نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبو، 28 -دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ 55 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمىدە تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەن.
2010-12-28
بېيجىڭدا چىقىدىغان يېڭى شەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ فامىلىلىك بىر ئەرزدار شەنبە كۈنى ئۆزى ياسىغان ئىككى دانە بومبىنى ماشىنىسىغا سېلىپ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن بېيجىڭغا قاراپ كېتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
2010-12-28
شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنى يەنە يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان. ھەرىكەتكە" قەبىھ زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى" دەپ نام بېرىلگەن.
2010-12-28
ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئارقىغا قاراپ چېكىنىشتىن توختىغاندىن بۇيان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2.6% ئاشقان.
2010-12-27
جياڭسۇ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭسۇنىڭ جۈنئەن سوت مەھكىمىسى 2011 - يىل ئىچىدە، سىياسىي ئىرادىسى قەتئىي بولغان بىر تۈركۈم سوتچىلارنى، ئۇيغۇر رايونىغا ياردەمگە ئەۋەتمەكچى. 5 -ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەلگەنلىكىگە ئائىت خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بىر قىسىم خەۋەرلەر بېرىلگەن. ئەمما ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان سوتچىلارغا سىياسىي ئىراىدىسى قەتئىي بولۇش شەرتىنى قويۇشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.