ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-09-30
بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان، "12 ئاينىڭ سۇلتانى " دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
2008-09-30
2006 - يىلى 10 - ئايدا شىۋېتسىيىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى، ئۆتكەن ھەپتە خەلقارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
2008-09-30
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە تور بېتىدە پاكىستان - ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدە، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ خىتاي - پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.
2008-09-30
ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەنئەنىۋىي روزى ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
2008-09-30
ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ھازىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان روزا ھېيتى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا مەخسۇس مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايىتىگە بارغان.
2008-09-30
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا ئۇيغۇر ئېلى بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 949 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 443 مىڭ 900 ئادەم قېتىم كۆپەيگەن ئىكەن.
2008-09-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى، خوڭكوڭ بازىرىدا خىتايدا ئىشلەنگەن پېچىنە ھەمدە يانگاڭ ۋە كوكۇنات تورتلىرىدىمۇ زەھەرلىك خېمىيىلىك ماددا مىنامىن بايقىغان.
2008-09-30
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئالدىنقى كۈنى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 59 يىللىقى ۋە خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان تەبرىك نۇتقىدا خىتاينىڭ تۈپ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-09-30
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى كرىزىسقا قارشى700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن ھەمدە بۈگۈن خەلقارا پايچەك بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا بولدى.
2008-09-29
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 4 - ئاۋغۇست قەشقەر "سەمەن يولى ۋەقەسى" بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالغان كۈنلەرنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى يۈز بەرگەن ئىدى.
2008-09-29
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاي شارىنى بايقاش پىلانى بويىچە قويۇپ بەرگەن 'مۇقەددەس 7' ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىغا ساق قايتىپ كەلگەنلىكىگە ھاياجانلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ھىندىستاننىڭ ئاي شارىنى بايقاش ئۈچۈن قويۇپ بەرگەن راكىتاسى ئوربىتىغا كىردى.
2008-09-29
مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ 29 - سىېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش باھانىسىدا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2008-09-29
تۈركىيە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، قەيسەرى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر مەھەللىگە جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى.
2008-09-29
فىتىر سەدىقىسى رامىزان ئېيىنىڭ سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن مەخسۇس سەدىقە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغان شۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريانىدا، روزا ھېيت كۈنلىرىدە پېقىرلارنىڭ، يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش، ھېيت خوشاللىقىنى ئۇلار بىلەن بىرگە تەنتەنە قىلىش نىيىتى بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بېرىشكە ئادەتلەنگەن، كۆرۈنۈشتە ئاددى، ئەمما ئىجابىي تەسىرى زور بولغان بىر خىل ياردەملىشىش ئىبادىتىدۇر.
2008-09-29
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئۆكتەبىر بايرىمى جەرياندىكى بىخەتەرلىك ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى روزا ھېيتلىق ئالاقىدار قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.