ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-12-29
بۈگۈن بۈيۈك ئىرا قاتارلىق خىتايچە تور بەتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى نامايىشقا ئىلتىماس سۇنغان 7 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 22 - ۋە 23 - كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يەنە 22 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، 5 ئىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە 5 ئىگە كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.
2009-12-29
خىتاي مەتبۇئاتى تۈنۈگۈن، سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن بىر پاراخوت ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
2009-12-28
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ نىشانى توردا بىر مىليون كىشىلىك ئىمزا توپلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن جامائەت پىكىرى ھازىرلاشتۇر.
2009-12-28
ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ھەپتىلىك خەۋەر' ژۇرنىلى 2010 - يىلىدا ئامېرىكىنىڭ ئاۋغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇدىغانلىقى، پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىدە قانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا بولىدىغانلىقى، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە 10 مۆلچەر ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-12-28
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىھەم ئاساسلىق سۆز ۋە ئويلىنىش تىمىسى بولماقتا. كىشىلەر ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋتى ھەققىدە سوئال-سوراقلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2009-12-28
خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر مۇئاۋىن مىنىستىرى، بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار پۇقرالارنىڭ تېلىفون، ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆزەتكەندىن سىرت، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنىمۇ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2009-12-28
12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئىككى دىپلومات قولىدا كۆپلىگەن سوغاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەركەز بىناسىغا كىرىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان.
2009-12-28
يەكشەنبە ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي بايرىمى كۈنى مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ ئۆكتىچى لىدېرى مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىنىڭ جىيەنىمۇ بار.
2009-12-28
2009 - يىلى12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا ئاياللار قاتناشتى.
2009-12-28
ستوكھولىمدا 25 - دېكابىردىن 27 - دېكابىرغىچە ئۆتكۈزىلگەن شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2009-12-28
خىتاي يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش لىنىيىسىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ ساختا دېلو مەلۇم قىلغۇچىلارنى تۇتماقچى.
2009-12-28
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر مىليون كىشىلىك توردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى.
2009-12-28
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇئەننىڭ خىتاي ئىچى - سىرتىكىدىكى بۆلگۈنچى قاتارلىق"دۆلەت دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش" توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن ۋە ئۇ، نۇتقىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختالغان.
2009-12-28
ياپونىيە باش ۋەزىرى ياپونىيە - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى.
2009-12-28
دۈشەنبە كۈنى، رۇسىيە باش مىنىستىرى پۈتۈن ئاسىيا ئەللىرىگە نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم پورتلاردىن بىرىنىڭ ئىش باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.