ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-12-27
يېقىندا موسكۋادىكى ۋېچې نەشرىياتى قازاقىستانلىق ژۇرنالىست ۋە تارىخچى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ"بېرىيانىڭ ئۇرانلىرى، شەرقىي تۈركىستان كرېمىلنىڭ ئاتوم پىلانىدا" ماۋزۇلۇق كىتابىنى نەشىر قىلدى.
2009-12-27
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۆزئارا كونسۇلخانا ئېچىش ئىشلىرىمۇ كېڭەيمەكتە.
2009-12-27
يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ ئۆزبېكىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا 53% سايلىغۇچى قاتنىشىپ، بېلەت تاشلىغان.
2009-12-27
ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىران پايتەختى تېھراندىكى نامايىشلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقا ئايلانغان بولۇپ، تۆت نەپەر ئۆكتىچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2009-12-26
ئەنگلىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئۆلۈم جازىسى بېرىلگەن ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تۈرمىدىكى ئەنگلىيە پۇقراسىنى يوقلىدى.
2009-12-26
نېپال باش مىنىستىرى مادھاۋ كۇمار شەنبە كۈنى، دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن خىتايغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل مايدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتىدۇر.
2009-12-26
خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىدىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارىنى يەنە ئاشۇرغان.
2009-12-26
مەلۇم بولۇشىچە، نېگىرىيىلىك ئۇمار فارۇق ئابدۇلمۇتاللاب، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامىستېردامدىن يولغا چىقىپ ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان ئامېرىكا غەربىي شىمال ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قولغا چۈشكەن ئىدى.
2009-12-26
مەلۇم بولۇشىچە، خەت شىمالىي كورىيىدە تۈرمىگە تاشلانغان سىياسىي مەھبۇسلار ۋە شىمالىي كورىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە كىم جوڭئىلنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە يېزىلغان.
2009-12-25
كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا ئۇيغۇر جامائەت پىكىرىنىڭ مۇھىم تىمىسى بولماقتا. بىرقسىم مەتبۇئات ۋە تور بەتلەردە كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلمەكتە ۋە ئۇيغۇرلار جامائىتىنىڭ، بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2009-12-25
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار، بۇ يىللاردا خىتايدا سىياسىي پائالىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
2009-12-25
تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈرك جامائەتچىلىكىگە 20 ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرلىكتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈيلەشكە چاقىرماقتا.
2009-12-25
چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-12-25
ئالماتادىكى مۈزەممېل مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئابباس قارىھاجىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىن، مائارىپ، تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرى ۋە ياش ئەۋلادلارنى خىتايغا يۈتكەپ ئىشقا سېلىشىتەك زوراۋانلىقلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
2009-12-25
"يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا گىئوسىياسىتى" ناملىق كىتاب بىلگى كۇلتۈر سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب ئەسلىدە يازغۇچى مۇھەممەد رىزا ۋە دىجالى تىئېررىي كېللنېر تەرىپىدىن فرانسۆز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركىيە چەكمەجە يادرو سىناق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر رىشات ئۇزمەن تەرىپىدىن تۈركىچىگە تەرجىمە قىلىنغان.