ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-12-25
رۇسىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى خىتاي - موڭغولىيە چىگرىسىغا يېقىن كېلىدىغان چىتا شەھىرىدە سودا قىلىدىغان مەشھۇر بىر خىتاي كارخانىچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.
2009-12-25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، مۇراسىمدا دۆلەت مارشى ئېتىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارى تەنقىدكە ئۇچۇرىدى. دائىرىلەر مەزكۇر بەلگىلىمە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2009-12-25
ب د ت نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى روھىي كېسەلگە گرىپدار بولغان ئەنگىلىيىلىك زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى ئاكمال شەيخنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجىرا قىلماسلىققا چاقىردى.
2009-12-25
ياپونىيە - خىتاي بىرلەشمە تارىخ گۇرۇپپىسى 1937 - يىلدىكى نەنجىڭ ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت بەزى تارىخىي ھادىسىلەردە تارىخنى قانداق شەرھىلەش جەھەتتىكى ئىختىلاپلار سەۋەبى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.
2009-12-25
خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا قارىماي، جۈمە كۈنى ليۇ شاۋبونىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە سوت ئېچىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يەنە بىر تۈركۈم كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. بۇ خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئائىت دىلولارغا 4 - قېتىم ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىشىدۇر.
2009-12-24
كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە غايىپ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى ئىزدىمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، كامبودژادىكى ئالاقىدار تەرەپلەر، 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئارتماقتا.
2009-12-24
كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22 - دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
2009-12-24
20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژا تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدا پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى تولۇق تەكشۈرۈلمەستىنلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ خەلقئارا نىزامنامىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى دېيىلگەن.
2009-12-24
قىرغىزىستاندا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيغۇر شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاتاقلىق قوشاقچىسى "ئېلاخۇن كۆككۆز" تۇغۇلغانلىقىنىڭ 143 يىللىقى خاتىرىلەندى.
2009-12-24
يېقىندا كانادادا چىقىدىغان دۆلەتلىك پوچتا گېزىتىنىڭ قارمىقىدىكى پۇل مۇئامىلە پوچتىسى گېزىتىدە دىئانە فرانكىس ئىسىملىك بىر مۇخبىر تەرىپىدىن "كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ھەقىقەت" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
2009-12-24
ئۇيغۇرلار قەدىمكى چاغلاردىن باشلاپلا مۇھىتنى ئاسراش ۋە تازىلىقىغا رىئايە قىلىشتا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولۇپ كەلگەن بىر مىللەت. ئۇلار تەبىئەت قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.
2009-12-24
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارىلانغانلاردىن يەنە 10 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ما شىڭچۇەننىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى 22 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، 5 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە يەنە 5 كىشىگە بولسا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
2009-12-24
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن كامبودژادىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن 20 كىشىنىڭ ئىچىدىكى 7 سىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.