ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-01-31
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرلارغا، گۇاڭشى پىڭنەن دورا زاۋۇتى دىئابېت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىگەن دورىنى قوللۇنىشنى توختۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى.
2009-01-31
ياپونىيە باش مىنىستىرى تارى ئاسو بۈگۈن 'ياپونىيەمۇ سومالىغا دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ' دېدى.
2009-01-31
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ئارىسىدا، سۇ مەنبەئەلىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقىۋاتقاندىن باشقا، خىتاي بىلەن قازاقستانمۇ سۇ مەنبەلىرى مەسىلىسىدە توقۇنۇشقا يۈزلەنمەكتە.
2009-01-31
رادىئومىز مۇخبىرى ۋېنجيەننىڭ خىتايدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا 'ماۋزېدوڭچى پارتىيە' دەپ ئاتالغان بىر پارتىيە ئاشكارىلانماقتا. بۇ گۇرۇھ خىتايدا ھازىر ھوقۇق تۇتىۋاتقان كىشىلەرنى'ساختا كومپارتىيە'، 'شيوۋىنىستلار' دەپ ئاتايدۇ.
2009-01-31
خۇنەندە يەنە بىر ئايال يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خۇنەندە 21 ياشلىق بىر ئايال 26 - يانۋار كۈنى H5N1 بەلگىلىك يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۈگۈن ئۆلگەن. بۇ، خىتايدا مۇشۇ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن 5 - بىمار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2009-01-30
شايار ناھىيىسىنىڭ شايار بازىرىدىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىدا، 28 - يانۋار كۈنى كەچتە ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان.
2009-01-30
ئۇيغۇر "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" دولقۇنى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ئاخباراتلىرىدا 2008 - يىلى باھاردىن كېيىن تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
2009-01-30
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان شۋېتسارىيىنىڭ داۋوس دېگەن يېرىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىساد يىغىنىدىكى، پەلەستىننىڭ غەززە مەسىلىسى تېمىسىدىكى يىغىندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت رەئىسى پەرەسكە ئاچچىقلىنىپ ,"سىز ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ياخشى بىلىسىز" دېدى.
2009-01-30
مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ، 2009 - يىلى 29 - يانۋار پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇلغان مەرھۇم ئەيسا يۇمۇپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 14 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-01-30
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 19 - فېۋرال كۈنى كانادانى زىيارەت قىلىدۇ. ئاقساراينىڭ باياناتچى ۋە كانادا باش مىنىستىرى ستىپھن ھارپرنىڭ ئىشخانىسى بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
2009-01-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، سىياسىيون قەھرىمان غۇجامبەردى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنى قارىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۇرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى قاناتيايدۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.
2009-01-30
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار شايار ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئويۇنچۇقخانىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، ئويۇنچۇقخانىدىكى خىتايلارنىڭ بىر ئۇيغۇر بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان شۇنداقلا 8 گە يېقىن نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
2009-01-30
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يەسلى مائارىپىغا 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر بالىلاردا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا خىتاي تىلى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى پىلانغا كىرگۈزگەن.
2009-01-30
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باروسسودىن خىتاي مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
2009-01-30
شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق ھەربىي ۋە سىياسى كېلىشىملەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالغا تۇتقان دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.