ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-10-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم 30 - ئۆكتەبىر كۈنى، توكيودىكى چەتئەل ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا سۆز قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
2009-10-31
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ماللىرى يامراپ كەتكەن قىرغىزىستاندا، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن ئېتىبارەن، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە رۇسچە ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە قىرغىزىستاندا قىزىقىش پەيدا بولغان، ھەتتا خىتايچە ئۆگىنىشكە باشلىغانلارمۇ بولغان ئىدى، ئەمما ھازىر قىرغىزلار ئارىسىدا ھەرخىل تالاش - تارتىش پەيدا بولدى.
2009-10-31
باش ئورگىنى پارىژدىكى خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن تۆت ئاي ئۆتكەندە، يەنى 10 - ئايدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئىنتېرنېت تور بېتى ۋە تور پونكىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن رادىئومىز ئارقىلىق جاكارلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ئېنگىلىزچە تور بەتلىرىنىڭ 85% نى تاقىۋەتكەن.
2009-10-31
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئاۋاز تاشلىغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش كومىتېتىغا، دۇنيادا ھەركۈنى مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانۇنسىز قورال يۆتكەشنى چەكلەش ھەققىدە يېڭى ئەھدىنامە تۈزۈپ ۋە ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇشنى باشلاشقا ئىجازەت بېرىلدى.
2009-10-31
رادىئومىز خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە 7 يىل كۈزۈتۈش ئاستىدا تۇرغان ئۇيغۇرلاردىن 6 سى بۈگۈن ئازاد قىلىنىپ، تىنچ ئوكياندىكى كىچىك ئارال دۆلىتى -- پالاۋغا يېتىپ بارغان.
2009-10-30
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، جەمئىي 21 كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. ئەمما قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ بالىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنغانلىقى ياكى قىلىنمىغانلىقى، قىلىنمىغان بولسا قاچان ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
2009-10-30
30 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-10-30
29 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شتاتىغا جايلاشقان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى بىلەن رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
2009-10-30
خىتايدىكى داڭلىڭ سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي، ئاتاقلىق خىتاي شائىرى ئەي چىڭنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىكى ھەقسىزلىكلىرىنى پاش قىلغان بەدىئىي ئەسەرلىرى ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بىلەن، نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ھەم قورقىدىغان، ئەمما ئاۋام پۇقرالار ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بىر شەخسكە ئايلانغان.
2009-10-30
10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە، 26 - چىسلا بولسا ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۈنىۋېرسىتېتىدا `ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان` تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگۈچىلەردىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپى باشلىقى ئارسلان ئالپتېكىننىڭ ئېيتىشىچە، ئىستانبۇل مارمارا ئۈنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىنغا 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
2009-10-30
يېقىندا ئىستانبۇلدىكى ئەمىرە نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتۇر ئەخەت ئەندىجان يازغان "چەتئەلدە تۈركىستان مۇجادىلىسى" ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى.
2009-10-30
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى "جۇڭگو نېفىت شىركىتى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت ئىگىلىكىگە كەلگۈسى بەش يىلدا 29 مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.
2009-10-30
خىتاي دائىرىلىرى "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ - خەتەر يەتكۈزگەنلىك" سەۋەبىدىن قولغا ئالغان.
2009-10-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يېقىندا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلىپ جازالانغان 21 كىشىنىڭ ھۆكۈمگە نارازى بولۇپ قىلغان ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.
2009-10-30
خوڭكوڭدا زىيارەتتىكى ئامېرىكىنىڭ "جورج ۋاشىنگتون" نامىدىكى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ قوماندانى، دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى كەۋىن دونېگان، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئۆزلىرىنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىدىكى مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىردى.