ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-11-30
پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ، قۇربان ھېيت باھانىسىدە پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىي مۇدىئاسى نەتىجە كۆرسىتەلمىدى.
2009-11-30
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇن چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى قانۇن كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، قۇرۇلتاينىڭ قانۇن كومىتېتى تەييارلىغان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر تەربىيىسى نىزامى"نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى بولسا مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار ئارىسىدا ھەر خىل پىكىر - ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
2009-11-30
ئوباما ئەرتە ۋەست پوينت ھەربىي ئاكادېمىيىسىدە ئافغانىستان ستېراتېگىيىسنى جاكارلايدۇ. تەخمىنلىنىشىچە، ئوباما ئافغانىستانغا 30 مىڭدىن 35 مىڭغىچە ئەسكەر كۆپەيتىش دېگەن لايىھىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئاۋغانىىستاندىكى ئۇرۇش ھەققىدە يېڭى ستېراتېگىيە قوللۇنىشى مۇمكىن.
2009-11-30
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى زورلۇقسىز رادىكال پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 - نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ 26 - نويابىر كۈنى مىلان شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئىدى.
2009-11-30
خىتايدا يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى، گەرچە خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى يۈكسەلدۈرۈپ، خىتاي ئىقتىسادىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلار سەۋەبىدىن، يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار ۋە شەھەرلەردىكى ئۆي - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، ئۆي - جايلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئەرزدارلار مەسىلىسى، خىتايدىكى زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
2009-11-30
11 - ئاينىڭ 28 - كۇنى ئاۋىسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن "جەنوبىي ئاۋىستىرالىيە شىنجياڭ ئۇيۇشمىسى" قۇرۇلغان.
2009-11-30
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىمەكتە، جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ قۇربان ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
2009-11-30
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى پارچە قانۇن توپلىمى نەشر قىلدى. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر توپلامغا 1979 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە چىقىرىلغان 200 خىلدىن ئارتۇق قانۇن - بەلگىلىمىلەر كىرگۈزۈلگەن.
2009-11-30
تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۇنيا رەھبەرلىرىنى يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى.
2009-11-30
خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىدە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرىنى كېچىدە چارلاش قاتارلىق بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى ئالغان.
2009-11-30
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇ ھەقتە بايات بەرگەن ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش قارارى ئالغان ۋە بۇنى ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە يەتكۈزگەن.
2009-11-30
كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرى، يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان كانادا باش مىنىستىرىنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىپ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.
2009-11-29
28 - نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرجىنىيە، مارىيلاند ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار فائىرفاكىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا - تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بىناسىغا جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
2009-11-29
ئىران ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ ئۇرانلىرى رۇسىيىدە تاۋلاپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى يەنە مۇرەككەپلەشكەن شۇنىڭدەك ئارقىدىنلا ئىران ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.
2009-11-29
شەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيىنىڭ پايتەختى كىيېۋ ھەم باشقا شەھەرلەردە 1932 - 1933 - يىللىرى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە مەجبۇرى يوسۇندا كوللېكتىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بارلىق ئاشلىقلارنى ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا يىغىۋېلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېغىر ئاچارچىلىق ۋەقەسىدە نەتىجىسىدە 7 مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولغان ئۇكرائىنىيىلىكنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خاتىرىلەندى.