ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-03-31
ئوباما ھۆكۈمىتى گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ھەققىدە پەرمان چىقارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن، ئاخبارات باش مۇپەتتىشى، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە تەخمىنلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئىككىنچى تۇرالغۇسى ۋە ياكى قاماقخانىسىنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقى ئاخبارات دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
2009-03-31
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى 27 - مارت كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يىللاردىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، بۇ يىل يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىدىغان، ھەمدە بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت قاتارىغا تىزىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2009-03-31
بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھىرىدە (گوللادىيىلىكلەر ئۆزلىرى 'دەن خاك' دەپ ئاتايدىغان شەھەردە) ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ بىر كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىنغا 90 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرى كەلدى.
2009-03-31
ئۇيغۇر دىيارىدىن بىۋاستە ئالغان مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويىۋاتقان ئىنتېرنېت قامالى يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى تورخانىلار دائىم دېگۈدەك ساقچىلارنىڭ چارلاش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان.
2009-03-31
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدىكى "ئىتتىپاق" گېزىتى نۆۋەتتىكى قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىۋاتقان بىردىن - بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى مەتبۇئات ئەپكەرىدۇر. مەزكۇر گېزىت 1994 - يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە.
2009-03-31
2009 - يىلى 3 - ئايدا "كەلگۈسىنىڭ 100 يىلى" ناملىق كىتاب پىگاسۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئەسلى سىياسى ئانالىزچى جورج فريېدمان تەرىپىدىن ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىتابنى ئىبراھىم شەنەر ۋە ئەنۋەر گۈنسەل ئىسىملىك شەخسلەر تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
2009-03-31
ئايروپىلان قازاسىدا قازا تاپقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ بۈگۈن دۆلەت مۇراسىمى بىلەن دەپنە قىلىندى. مۇراسىمدا 100 مىڭ ئەتراپىدا ئىنسان لىدىرى ئۈچۈن ياش تۆكتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى كۆتۈرىۋالغان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى.
2009-03-31
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 31 - مارت ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلدا ئۈرۈمچىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا يەنە 1087 نەپەر يۇقۇمدار قوشۇلغان بولۇپ بۇ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ 2007 - يىلىغا قارىغاندا %4 دىن ئارتۇق ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
2009-03-31
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزى، 8 - ئايدا ھاۋايدا خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىدىغان بولۇپ، ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھاۋايدىكى بۇ مۇھاكىمە، خىتاي ۋە تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرىگە سۆھبەت مەيدانى ھازىرلايدىكەن.
2009-03-31
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر تارقىتىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە 30 - مارت دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا بىر قانچە يۈز ئادەم قاتناشقان توپىلاڭ يۈز بەرگەن. بۇ جەرياندا بىر خىتاي ساقچىسى يارىلانغان، ۋەقە يۈز بەرگەن غەربىي بۇلاق يولىدا بىر مەھەل قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان.
2009-03-31
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
2009-03-31
باراك ئوباما، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئافغانىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما ئافغانىستانغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدە ۋازىرىستاندىكى ئەلقائىدە ۋە تالىبانلارنى تارمار قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەمدە بولالايدىغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈمىدىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈننىڭ ئۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى موسكۋادا مەخسۇس ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرغان.
2009-03-30
ئامېرىكىنىڭ كىچىك تىپتىكى ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالى كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئامېرىكا پاراخوتلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئىز قوغلاپ ئەگىشىش ۋە توسۇپ قېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
2009-03-30
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى خوتەن رايونىدا "مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش " ناملىق سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، دىن ۋە دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە " ئۇچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان.
2009-03-30
كامبودژا قىزىل كخمېر كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوت 30 - مارت كۈنى يەنە داۋام قىلدى.