ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-04-30
بۈگۈن پرېزىدېنت ئوبانىڭ ئاقسارايدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 100 كۈنلۈك خاتىرە كۈنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پرېزىدېنت ئوباما تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
2009-04-30
" ئىلى باغلىرى جەننەت ماكانى، ئۇندا ياڭرايدۇ بۇلبۇل ناۋاسى...." بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى تەبىئىي ھالدىلا غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى گۈزەل باغلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
2009-04-30
قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇ يىل 3 - ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بىكار قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قىرغىزىستان - ئامېرىكا ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن قىرغىزلار بازىنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئامېرىكىنىڭ 6 ئاي ئىچىدە بازىنى تەرك ئېتىشى لازىم ئىدى.
2009-04-30
ئازەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 18 كىشى ئۆلگەن. ئازەربايجان رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ 18گە چىققانلىقىنى ئېيتتى.
2009-04-30
كانادا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىسادىي ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ئالدامچىلىق دېلوسىنى خىتايدىن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، تاڭ ۋېيجەن ئىسىملىك بىر نەپەر خىتاي سادىر قىلغان بولۇپ، ئۇ كانادا، ئامېرىكا، خىتاي، سىنگاپور ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى 300 گە يېقىن مەبلەغ سالغۇچىنىڭ 600 مىليون كانادا دوللىرىنى يوقىرى نىسپەتتە پايدا بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئالداپ ئېلىۋالغان.
2009-04-30
شۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 - ئاپرېل كۈنى شۋېتسىيە كۆچمەنلەر سوتى سابىق گۈەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنى ئادىلجان ئابدۇلھېكىمغا شىۋېتسىيىدە كۆچمەنلىك ھوقوقى بەرگەن.
2009-04-30
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىرىدە، پەيشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ، چوشقا زۇكامىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى، ئەسلىدىكى 4 - دەرىجىدىن يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈپ 5 - دەرىجىگە چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
2009-04-30
ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر قانۇن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ، ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ 200 مىڭ يۇەن پارە يىگەن ناھىيە دەرىجىلىك بىر كادىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئون يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
2009-04-30
خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە قىسىمى، بۇ ئايدىن باشلاپ " خەلقنى سۆيۈپ، چېگرىنى قوغداش" ئىسىتراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2009-04-29
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. تەشكىلات باياناتىدا، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2009-04-29
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسى يەنە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە يېقىنلىشىپ قالغان.
2009-04-29
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى بىخەتەر ھەم خاتىرجەم كۈتىۋېلىشىدا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تىنچلىق مەسىلىسى خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2009-04-29
چوشقا زۇكامىدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ نۆۋەتتە 23 دۆلەتكە تارالغانلىقى مەلۇم، يۇقۇملانغۇچىلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. مېكسىكىدا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەر 159 گە يەتتى، ئامېرىكىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 90 گە يېتىپ، بىرى قازا قىلدى.
2009-04-29
2009 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قازلىچەشمە مەدەنىيەت يىغىن زالىدا 2 - قېتىملىق خەلقئارا ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-04-29
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىىنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە ئىخلاسى بىلەن بارغانلىكى دۆلەتتە، شۇ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن بىر چىۋەر خەلق. ئۇيغۇرلاردىن پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردە يۇقىرى مەرتىبىلەرگە ئېرىشكەنلەر ۋە دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشتەك مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغانلارمۇ كۆپ.