ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-05-31
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل 28 - ماي كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قوشنىسى تاجىكىستانغا يېتىپ كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولدى. ئۇ دۈشەنبە شەھىرىدە تاجىك پرېزىدېنتى ئەمام ئەلى راخمان بىلەن تۈركىيە - تاجىكىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
2009-05-31
1989 - يىلىدىكى تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى مەزمۇن قىلغان شوئار - لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرگەن 4000 دىن ئارتۇق ئادەم يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلغان.
2009-05-31
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىم گېيتنېر تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى باھالانماقتا.
2009-05-30
شىمالىي كورىيە 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بېيداۋجى ۋىلايىتىنىڭ فېڭشى رايونىدىكى بىر تاغ باغرىدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سېرىق دېڭىزدا جىددىيلىك پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
2009-05-30
بىېرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن، ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەكلىپنى --- ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى 17 ئۇيغۇر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۈچىنجى قېتىملىق تەكلىپىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-05-30
رويترس ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبرت گەيت سىنگاپوردا ئۆتكۈزىلىۋاتقان سۆھبەتتە 'شىمالى كورىيە ئاتوم دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، ھازىرقى نىشان يەنىلا كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئاتومسىزلاندۇرۇشتىن ئىبارەت' دەپ جاكارلىدى.
2009-05-30
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما تۈنۈگۈن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۈگۈن ئاقساراي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كولۇمبىيالىق دانىيال رېندون ھېررېرا، ئاۋغانىستانلىق ھاجى جۈمەخان، ۋىنىسۇئىلالىق ۋەلىد ماكلېت گارسىكا، پاكىستانلىق ئىمام بخېل قاتارلىق ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى.
2009-05-30
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۈگۈنگە قەدەر دۇنيا بۇيىچە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى تارقالغان دۆلەت سانى 53 كە، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 15 مىڭ 608 گە يەتتى.
2009-05-29
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى 2009 - يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مەخسۇس بىر پاراگراف ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2009-05-29
خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر سورۇنغا قول ئۇزاتتى: ئۇ بولسىمۇ ئاياللارنىڭ چاي سورۇنى. ئۆتكەن ئاينىڭ 24 - كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسىدا، قاتار چاي ئوينىغان 30 نەپەر ئايال نەق مەيداندا بايقىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
2009-05-29
ئۇيغۇر دىياردىكى مەدەنى يادىكارلىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ ، بۇ خىل ئەھۋاللار يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىماقتا. ئۇنداقتا نىمىشقا بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار يېتەرلىك قوغدىلىشقا ئىگە بولالمايدۇ، بۇنىڭدا كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار؟
2009-05-29
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىتايغا قايتتى. ئۇ 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت ساقچى ئىدارىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
2009-05-29
ئەسسالام بالىلار، بۈگۈن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار، خەلقئارا بالىلار بايرىمىڭلار خوشاللىققا، تاتلىق كۈلكىلىرىڭلارغا تولسۇن! بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسسىدىكى مۇخبىر تاغا، ئاچىلىرىڭلارمۇ سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. ئاڭلىتىش ۋاقتىمىزنىڭ ئەمدىكى مىنۇتلىرىنى سىلەرگە ئاتىدۇق، قېنى گۈلچېھرە ھەدەڭلار بۈگۈنكى بايرىمىڭلارغا ئاتاپ نېمە سوغا تەييارلىدىكىن ئاڭلاپ باقامسىلەر؟
2009-05-28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 25 - ماي كۈنى ئاخىرلاشقان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم ئەرباپلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2009-05-28
26 - ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك تامام بولدى . ۋاشىنگىتونغا 21 دۆلەتتىن يىغىلغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىر ھەپتە جەريانىدا ، ۋاشىنگىتوندا نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ تولىمۇ مەمنۇن بولغان ھەم ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە ئۇزىدى.