ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-06-30
شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە ھازىرچە ئۆلگەن ئۇيغۇر سانىنىڭ ئىككى نەپەر ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى زەمىن يېزىدىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
2009-06-30
گۇاڭدۇڭدىكى قانلىق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا يوشۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما خىتايدىكى غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋەقەنىڭ يەنە بىر قسىم ئېچىنىشلىق جەريانلىرىنى ئاشكارىلىماقتا. تۈنۈگۈن Youtube تورىدا 26 - ئىيۇن قانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە 3 پارچە نەق مەيدان خاتىرىسى ئېلان قىلىندى.
2009-06-30
گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھەرچىسىدىكى 'شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى'دا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى نەق مەيداندىن ئېلىنغان ۋىدىئولار ھازىر دۇنياغا ئاشكارىلاندى.
2009-06-30
يەكەن ناھىيىلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر نارىسىدە قىزلارغا "جىنسىي پەسكەشلىك قىلىش ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، يەكەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى 29 - ئىيۇن سوت ئېچىپ، مەزكۇر دىلونى كۆرۈپ چىققان.
2009-06-30
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتىدە ئۈرۈمچىنىمۇ زىيارەت قىلىشى ئۇيغۇر دىيارىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ گۇاڭدۇڭدا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مۇشۇنداق بىر پەيتكە توغرا كېلىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تورداشلاردا پەرقلىق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.
2009-06-30
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 29 - ئىيۇن دۈشەنبە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 8 - تۈركۈم جەمئىي 664 نەپەر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كادىرلىققا ئەۋەتىلگەن.
2009-06-30
ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 30 - ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، يەنە ئۈچ ئادەمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى بولمىغان.
2009-06-30
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، 29 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ "ھازىرقى تارىخىي شارائىتتا بىز چوقۇم پارتىيىمىز ئىچىدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز زۆرۈر" دېگەن تېمىنى مەركەز قىلىپ دوكلات بەرگەن.
2009-06-30
ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئېراققا ئۇرۇش قوزغاپ 6 يىلدىن كېيىن 29 - ئىيۇن كېچىدىن باشلاپ ئېراقنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى. ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى چوڭ باغچىغا يىغىلغان نەچچە مىڭلارچە خەلق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنگەنلىكىنى تەنتەنە قىلىشقان.
2009-06-30
ب ب س نىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۆكتەبىردە 60 - چى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئالدىدا " شەھۋانىيلىققا، پاھىشىۋازلىققا ئۈچ ئايلىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى " نى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن.
2009-06-29
دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىتايدا رەسمى زىيارەتتە بولىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتايدىكى ئەڭ ئاخىرقى زىيارەت نوقتىسى بولغان ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئايرىپورتتا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس ياڭگاڭ ئابدۇللاھ گۈلنى قارشى ئېلىشقا چىققان.
2009-06-29
گۇاڭدۇڭدىكى قانلىق توقۇنۇش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەمما تەكشۈرۈشنىڭ قەدىمى ئاستا، نەتىجىسى يېتەرسىز ھالەتتە تۇرماقتا. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەگە، 6 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ 2 نەپەر خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر ساختا خەۋەر سەۋەب بولغان.
2009-06-29
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز - ئارا قوشۇۋېتىلىپ قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرۇلغان، نەتىجىدە بەزى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
2009-06-29
پەلەك شاھى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر داۋاز ئادىل ھوشۇر، 5 - ئىيۇل كۈنى قاناس كۆلىنىڭ ئاي ئەگرىسى بۆلگسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پولات سىمدىن ئۆتۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.
2009-06-29
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 28 - ئىيۇن كۈنى ئۆزبېكىستانغا يېتىپ كېلىپ ئىسلام كېرىموف بىلەن ئۇچراشقان. لې كىچىياڭ ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ دوستانە ۋە ئۆز -ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان.