ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-31
30 - ئىيۇل، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قارا تىزىملىك ئېلان قىلىپ، ئابدۇخېلىل مەمتىمىن، ئابدۇرىشىت ئۆمەر، روشەنگۈل تەلەت ۋە خەيرىگۈل ئۆمەر قاتارلىق 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەىسى رابىيە قادىر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قارا تىزىملىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.
2009-07-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم ئىشى تۈپەيلىدىن ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرماستىن ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيىتىنى يولدىشى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى داۋام قىلدۇرماقتا.
2009-07-31
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۈرۈمچى ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىشنى چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ دىنىي ياكى مىللىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى يېقىندىن كۆزەتكۈچىلەر، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تامامەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىدەك ئورتاق نۇقتىدا جەم بولماقتا ۋە ۋەقەنىڭ بۇنداق زورىيىپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ۋاڭ لېچۇەن ۋە نۇربەكرىلەرنى جاۋابكار دەپ قارىماقتا.
2009-07-31
خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقوق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس مىزۇتانى نائوكا خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئېيتقان بىر نەچچە خىل گەپنى راستچىللىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
2009-07-31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى "چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن" دېگەن يالغان تەشۋىقاتىنى، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنكار قىلدى.
2009-07-31
ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىپ، ئۇنىڭ 8 - ئاۋغۇست كۈنى مىلبورىندىكى ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىغا يول ئېچىپ بەردى.
2009-07-31
خىتاي 5 - ئىيۇلدىكى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش ئىشىنىڭ 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-07-31
خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى 5 - ئىيۇلدىكى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" قاتناشقان، دەپ گۇمان قىلغان ئۇيغۇرلاردىن قولغا ئېلىنغان يەنە 40 كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېلىنغان يۇقىرىقى 40 نەپەر كىشىنىڭ 3 نەپىرى خىتاي بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.
2009-07-31
ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ تەشكىلى ئورگىنى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 8 - ئاۋغۇستتىكى مىلبورىن خەلقئارا كىنىو فېستىۋالىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان "مۇھاببەتنىڭ 10 شەرتى" فىلىمنىڭ چوقۇم فېستىۋالغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-07-31
رۇسىيە باشچىلىقىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قۇرۇلغان كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر جۈمە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا ساياھەت ئورنىدا غەيرى رەسمىي باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قوشۇنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
2009-07-30
خىتاي ھۆكۈمىتى 29 - ئىيۇل كۈنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىگە دائىر 15 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارقاتقان مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىدا، 14 ئۇيغۇر ۋە يەنە بىر نەپەر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بالدۇرراق ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر 10 كۈن مۆھلەت ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغاندا قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
2009-07-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. رابىيە خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.
2009-07-30
ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 7 - ئىيۇل خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زوراۋانلىقى ۋەقەسى، 7 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى، بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ 10 - ئىيۇل جۈمە نامايىشى ۋە 13 - يۇل كۈنى 3 ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىق بىر يۈرۈش زەنجىرسىمان ۋەقەلەر يۈز بەردى.
2009-07-30
5 - ئىيۇلدىكى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلا - غۇلا قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئېلان قىلغان بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا زور پەرقلەر مەۋجۈت.