ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-31
ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى 8 - ئاينىڭ باشلىرى جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى. جەنۋەدىكى يىغىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىندىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
2009-08-31
بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى "خۇجىنتاۋنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى مۇھىم يوليۇرۇقى پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆگىنىلىۋاتىدۇ" دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى "خۇجىنتاۋنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنى ئۆگىنىش" دېگەن ھەرىكەتنى پەقەت تىبەت، گۇئاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشا ئاپتونوم رايونلىرىدىلا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
2009-08-31
ئۆتكەن جۈمە كۈنى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ۋەتەن زىيارىتىدە بولغان بىر ئۇيغۇر بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر رادىيومىزغا تېلېفون قىلىپ، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
2009-08-31
ياپونىيىدە تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا 54 يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى يېڭىلىپ، ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى ئۇتۇپ چىقتى.
2009-08-31
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن خىتايدا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
2009-08-31
ئۇرال - ئالتاي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ يىغىنى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە باشلىنىپ 29 - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
2009-08-31
ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئوخشىتىش بولۇپ، مەلۇم بىر ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشتە ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن زور. چۈنكى ئۇ تىلنىڭ كونكرېت، جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ. ئوخشىتىش ئارقىلىق ئوي - پىكىرنى ۋە چوڭقۇر بىر مەزمۇننى ئوبرازلىق ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.
2009-08-31
خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى" نامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەتچى يۆتكەشكە باشلىغان. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، 27 - ئاۋغۇست، 25 نەپەر شاڭخەيلىك ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2009-08-31
ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى. دەل شۇ پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىڭتۇئەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن زور تۈركۈمدە ئاققۇن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلدى.
2009-08-31
ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەمدە كەم ئۇچرايدىغان نىئوبىي ۋە تانتال قاتارلىق خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار قاتلىمى بايقالدى. تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېلېمېنتلار قاتلىمى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى تەۋەسىدىن بايقالغان.
2009-08-31
خىتايدا يەنە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، زەھەرلىنىش يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت جەمئىي ئىككى يۈز بالا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ ياتاققا ئېلىنغان.
2009-08-31
بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا، ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى يەڭدى. سايلامدىن كىيىن، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرى ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
2009-08-31
ئىسرائىلىيىنىڭ ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى يىتساك شىخۇرنىڭ " تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر توسۇقى" ماۋزۇلۇق كىتابچىسى يېقىندا ئامېرىكىدىكى شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2009-08-31
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سۋات ۋادىسىدا يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پارتلاش سۋات ۋادىسىدىكى ئاساسلىق شەھەر مىنگورادىكى بىر ساقچى پونكىتىدا بولغان.
2009-08-31
ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلىمى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلام نەتىجىسى ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.