ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-30
خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
2009-09-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ -يورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىسىدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى.
2009-09-30
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلىددى ئېھسان ئوغلى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2009-09-30
"گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" ۋە "گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش جەمئىيىتى "نىڭ ھەمكارلىقىدا، "گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" نىڭ ئىشخانىسىدا خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئورتاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ۋە گۇرۇھلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىق يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2009-09-30
چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۇغقان يوقلاپ چىققاندىن كېيىن رادىئومىزنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشماقتا.
2009-09-30
قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتور رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى 5 - ۋە 7 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-09-30
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا مەبلەغ شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر چوڭ شىركىتى تۈنۈگۈن قازاقىستان بىلەن، قازاق مۇنايگاز" نېفىتلىكىنى 948 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىشقا كېلىشكەن.
2009-09-30
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - سېنتەبىر كەچ سائەت 8 دە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كوممۇنىست خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتقا سەككىز مىڭ ئەسكەر ۋە ئوفىتسېر قاتناشتۇرىلىدىكەن.
2009-09-30
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى - كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ تەبرىكلەيدىغان كۈنى، تەيۋەندە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر ھەققىدىكى ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقى دوندۇپ ۋۇنچىن ھەققىدىكى ئىككى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
2009-09-30
خىتاي بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان چوڭ ھەربىي پاراتنىڭ چىرىغىنى يېقىشقا باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە، تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار نيۇيورك شەھىرىدىكى 'ئىمپېراتور سارىيى' دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر بىنا ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا، بۇ بىنادىن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قىزىل ۋە سېرىق نۇر ياغدۇرۇش پىلانلانغانلىقىغا قارشى تۇردى.
2009-09-30
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئۇنىڭ تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان، دەپ سەۋەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
2009-09-29
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرغاندا، خەلق ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 60 يىلدىن بۇيان توۋلىغان شۇئارلارنىڭ تامامەن يالغانچىلىق ئىكەنلىكى بىر - بىرلەپ كۆرسىتىلدى.
2009-09-29
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاز قالغانسېرى، ئاخباراتقا قارىتا چەكلەشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتقا قارىتا چەكلەش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلغان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
2009-09-29
خىتاي دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، مۇراسىمنى ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر بېيجىڭنىڭ ئۆزىگىلا 6000 دىن ئارتۇق ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە 800 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنى بايرام كۈنلىرىدە كوچىلاردا بىخەتەرلىك قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
2009-09-29
خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تېما قىلماقتا. خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ بىر ماقالىسىدا ئېلان قىلىنىشىچە، خىتايدا پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشنىڭ ئاسانلىشىشى، 60 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىشىنى يەنى خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ئىشىكنىڭ سىرتقا قانچىلىك چوڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.