ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-20
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، ئۇنى قايتىدىن گۈللىنىش يولىغا كىرگۈزۈش بولۇۋاتقان ھەمدە بۇ يولدا كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-09-20
تاجىكىستان مۇستەقىل بولۇپ، 18 يىلىدىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە مائارىپ ساھەسىدە يەنە بىر يېڭىلىق پەيدا قىلغان. ئۇ بولسىمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە رەسمىي تۈردە "ئىسلام مەرىپەتى" دەپ ئاتالغان بىر دىنىي دەرسنى تەسىس قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
2009-09-20
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇرمۇشىنى باش تېما قىلغان " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلۇپ، 10 - ئايدا قويۇلماقچى بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
2009-09-20
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇتلۇق روزا ھېيت نامىزىنى تۈرك جامائىتى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇدى.
2009-09-20
19 - سېنتەبىر كۈنى، 5 - ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر بېرىمىز.
2009-09-19
خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن كېچىدە بېيجىڭدا مېھمانخانىغا كىرىپ 3 نەپەر ياپونىيە مۇخبىرىنى ئۇردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كېچىدە بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسغا يېقىن جايلاشقان 'بېيجىڭ مېھمانخانىسى'دا، ياپونىيە كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ 60 يىللىق تەبرىك كۈنى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارات تەييارلىقى ھەققىدە خەۋەر تەييارلاۋاتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى مېھمانخانىغا كىرىپ، ئۈچ نەپەر ياپونىيە مۇخبىرىنى ئۇرۇپ، تىپىپ ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ كومپۇتېرلىرىنى تارتىۋالغان.
2009-09-19
بېيجىڭدە بۈگۈن (شەنبە كۈنى) يەنە پىچاق تىقىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە بىر نەپەر فرانسىيىلىك ئايال ساياھەتچى يارىلاندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 لەردە، بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن جايدىكى داسالەن دېگەن مەشھۇر بازاردا، ساقچىلار فرانسىيىلىك بىر ئايال ساياھەتچىنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان جاڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىن كەلگەن 41 ياشلىق ئەرنى قولغا ئالدى.
2009-09-19
ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىككىسى بۈگۈن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلدى.
2009-09-19
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئىختىيارى بىلەن خەۋەر قىلىشىچە، '5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى' دەپ ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان شۆھرەت تۇرسۇننىڭ جەسىتىنى، بۈگۈن، 19 - سېنتەبىر، ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، ساقچىلار قورغاس ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزا يېڭىئاۋات كەنتىدىكى ئائىلىسىگە ئەكىلپ بېرىپ، ئۇنىڭ دادىىسىغا، جەسەتنى داغدۇغا قىلمايلا يەرلىكتە قويۇشنى، ھازا ئاچماسلىقنى بۇيرىدى.
2009-09-18
جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى سېئۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ جەنۇ بىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
2009-09-18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت تېز ئىنكاس قايتۇردى ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.
2009-09-18
چەتئەل ئاگېنتلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى"گە نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 - سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە، 4 - ئومۇميىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزگەن، خىتاينىڭ مىللىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ياڭ جىڭنىڭ خىتايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خىتاي خەلقى ئۈچۈن ھاۋادىنمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
2009-09-18
"ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى" ناملىق كىتاب ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندىر خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان "ئەجدىرھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق نېمىسچە كىتاپقا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر كىتاپ 15 - ئۆكتەبىر نەشىردىن چىقىدۇ.
2009-09-18
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيىدە ئېلىپ بارغان تۇنجى تەشۋىقات پائالىيىتى گوللاندىيىنىڭ سىياسى پايتەختى بولغان دەنئاخ شەھىرىدىكى "خەلقئارا مۇنبەر يىغىنى مەركىزى"نىڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئاساسەن گوللاندىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى، سودا-سانائەت تەشكىلاتلىرى ۋە گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلپ بېرىۋاتقان خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلغان.