ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-18
خىتاي كومپارتىيىسى ئۈرۈمچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ 2 ئايدىن كېيىن 18 - چىسلا جۈمە كۈنى "مىللى بۆلگۈنچىلەر"نى باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2009-09-18
خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنى كۈتىۋېلىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بېيجىڭدىكى ئەڭ ئاۋات سودا رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان تيەنئەنمېن ئەتراپىدىكى داسالەن سودا كوچىسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، 2 ئادەم ئۆلگەن 12 ئادەم يارىلانغان.
2009-09-18
خىتاينىڭ گاۋشيوڭ شەھىرىگە بايقۇت ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، تەيۋەننىڭ گاۋشيوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان گاۋشيوڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ فىلىمىنى قويۇشنى قايتا ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-09-18
خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاخبارات دوكلاتىدىكى خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋېلىشىشى ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، دېگەن خۇلاسىنى رەت قىلدى.
2009-09-17
ئۇيغۇر ئېلىدا يىڭنە ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىڭ 4 - ۋە 5 - سىنتەبىردىكى نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن "شىنجاڭ ج خ نازارىتى " ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالاردىن يىڭنە ۋەقەسى پەيدا قىلغان گۇماندارلارنى كۆرگەن يەردە تۇتۇپ، ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
2009-09-17
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قامالىغا نىسبەتەن، خەلقنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى كونترول قىلىش قىلمىشىغا قارىتا نارازىلىق پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
2009-09-17
چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ستاتىستىكىلىق يېڭى مەلۇمات ھەم خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە چوشقا زۇكام پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە تارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىمۇ چوشقا زۇكامىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا.
2009-09-17
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر رادىئومىزغا خەت يېزىپ ۋە تېلېفون بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا ئۈرۈمچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، تونۇش بىلىش ۋە ئۇرۇغ - تۇقغانلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بىز ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقتا.
2009-09-17
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئاجرىتىلغان نۇبىسكا زالىدا ئىپتارلىق بەردى.
2009-09-17
بىزگە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بەزىلىرىنى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئاتالمىش "نەق مەيدان" غا ئەكىلىپ، ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
2009-09-17
ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەۋرىدە ياقۇپبەگ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىز بىر قىسىم تۈرك ئوفىتسېرلىرىنى نۇرغۇن قورال-ياراق بىلەن قەشقەرىيىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن.
2009-09-17
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، سەيشەنبە كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىدا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان.
2009-09-17
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۈگۈن يىڭنە سانجىپ ئادەم يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن يەنە 4 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 8 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
2009-09-17
خىتاي دۆلەت بايرىمى ئالدىدا بايرامنىڭ ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىنى قاتتىق قامال قىلماقتا.
2009-09-17
تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممېدوف دۆلەت تېلىۋىزىيسىدە قىلغان سۆزىدە تۈركمەنىستان - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ 15 - دېكابىردا ئىش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.