ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-17
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئىلىنىش سېستىمىسى بولغان " بومبا قالقىنى" قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارشى قوغداش نىيىتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.
2009-09-16
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب ب س، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2009-09-16
قازاقىستاندا نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنت بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر - تەكلىپلەر مەيدانغا چىقماقتا. بۇ نازاربايېۋنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زورلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
2009-09-16
تۈركىيە گۈنلۈگۈ يەنى تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى ناملىق ژورنال 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان نەشىر قىلغان ئىدى. ژۇرنالنىڭ مەخسۇس سانىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ماقالىلىرىدىن باشقا، مۇغلا ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ يازغان "تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
2009-09-16
ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ۋە 3 - سېنتەبىر يىڭنە سانجىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بارلىق قوراللىق كۈچلىرىنى ئۈرۈمچىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما، يەنە بىر جەھەتتىن غۇلجىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
2009-09-16
يېقىندا ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا تۇغقان يوقلاپ بارغان بىر نەپەر قازاق زىيالىسى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە ئائىت كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى مۇخبىرىمىزغا ئىنكاس قىلدى.
2009-09-16
قەدىر كېچىسى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدىن بىر كېچىدۇر. بۇ كېچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى قۇرئان كەرىم دۇنياغا نازىل بولغان پەزىلەتلىك كېچىدۇر. قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئارتۇق ئەۋزەللىككە ئىگە بىر كېچە. مۇسۇلمانلار بۇ كېچىدە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ.
2009-09-16
بۈگۈن بىر ئۇيغۇر قىزى قازاقىستاندىن رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىن يېڭىلا چىققانلىقىنى، ۋەقەدە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-09-16
'بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدە 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ 800 مىڭ ئادەم دۆلەت بايرىمىنى قوغداش دېگەن نام ئاستىدا، ئۈستىگە 'پىدائىلار' دېگەن خەت بېسىلغان سېرىق جىلىتكە كېيىپ، بېلىكىگە قىزىل يەڭلىك تاقاپ، بېشىغا قىزىل پوسما كېيىپ كوچىلاردا ۋە مەھەللىلەر ئارا گۈزەت قىلىشقا باشلايدىكەن.
2009-09-16
خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۆتىنچى ئومۇميىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئاقسۇدا تېررورچى گۇرۇھلار پاش قىلىندى، دەپ ئېلان قىلدى.
2009-09-16
خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈنۈگۈن كەچ سائەت 21 دە ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئاخباراتىدا، 'يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى' دەپ قولغان ئېلىنغان ئادەم سانى 75 دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا 74 دەپ جاكارلىغان ئىدى.
2009-09-16
'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن بەلگىسى بار ئايالچە 'پادىچىلار شىمى'نىڭ پەللىكىگە لايىھىلەنگەن ئەرەبچە خەتلەر ئىراندا، مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت كەلتۈردى، دەپ قارىلىپ، جىددىي غۇلغۇلا پەيدا قوزغىدى.
2009-09-16
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبەگدورجى تاقىيا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، ھىندىستان بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېنىرگىيىسى كېلىشىمى ئىمزالانغان.
2009-09-15
" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ھالەت ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2009-09-15
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر بېيجىڭدا تۆتىنچى ئومۇميىغىن ئېچىپ 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ قوپتى. بۇ ھەقتە بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭدىن بۇ يىغىن ھەققىدە ئۈچ سوئال سورىدۇق.