ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-29
خىتاينىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئورتاقلىشىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
2009-09-29
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمى سايلام باش مىنىستېر ئانجىلا مېركىل خانىمنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىپ، يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
2009-09-29
چەتئەلدىن تۇغقان يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە بايان قىلىپ بېرىشىچە، 7 - ئىيۇل كۈنىدىكى خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا خىتايلار تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
2009-09-29
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 25 - سېنتەبىر كۈنى قورغاس ناھىيىسىدە تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسى ھەققىدە چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى.
2009-09-29
ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇئانتانامو تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن ئىككى نەپىرى ئاكا - ئۇكا بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان.
2009-09-29
بۈگۈن تەيۋەن ھۆكۈمىتى، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلارغا ئىزاھات بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، ھېچقاچان رابىيە خانىمنى تېررورچى دەپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-09-29
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ياشاۋاتقان خىتاي كادىرلارنىڭ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چۈشۈنۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
2009-09-28
كانادانىڭ مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جايسون كېننىي ئەپەندى 26 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، تورونتودىكى ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزىدە، تورونتودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كانادا پۇقرالىقىدىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالدى.
2009-09-28
خىتاي ئاخباراتى چارشەنبە كۈنى، شاۋگۇەن دائىرىلىرىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن 11 كىشىنى سوتقا تارتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنى خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.
2009-09-28
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 27 - سېنتەبىر كۈنى "خىتايدىكى مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.
2009-09-28
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يۈز پارچە فوتو سۈرەت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە فېستىۋالىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇ فېستىۋالنى ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان.
2009-09-28
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە "شۋېتسىيە تۈرك جەمئىيەتلىرى مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى" نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ستوكھولىمنىڭ مەركىزى مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغان پۇقرالار مەيدانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
2009-09-28
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت كۆپلەپ ماقالە يېزىشقا باشلىدى، بەزى يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ھەققىدە توختالسا بەزى يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش يوللىرىنى ئىزدەنگەن ئاساستا ماقالە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
2009-09-28
قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى شايىم شاۋايېۋنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىك خاتىرە كەچلىكى ئۆتكۈزۈلدى. شايىم شاۋايېۋ تونۇلغان يازغۇچى، درامماتورگ ۋە شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا 17 پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان.
2009-09-28
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار پىكىرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بۇ خىلدىكى رايونلارغا قاراتقان باشقۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.