ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-15
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پرېزىدېنت بولۇشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىشلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. ئوباما پرېزىدېنت بولۇپ ئاق سارايغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆز ۋەدىسى توغرىلىق ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
2009-09-15
تۈركىيە گۈنلۈگۈ يەنى تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى ناملىق ژورنال 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان نەشىر قىلغان ئىدى. ژورنالنىڭ بۇ مەخسۇس سانىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ماقالىلىرىدىن باشقا، مۇغلا ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ يازغان "تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
2009-09-15
غەرب ئەللىرىدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېرىپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا گۇۋاھچى بولغان ۋە قايتىپ كەلگىنىگە بىر ھەپتە بولغان بىر خانىم، ئۈرۈمچىدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.
2009-09-15
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى كېڭەش ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.
2009-09-15
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يەنى 10 - سېنتەبىر كۈنى 50 نەپەر ئۇيغۇر قىزى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە يولغا چىققان. بۇ تۈركۈمدىكى ئىشلەمچىلەر، شەندۇڭنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى كورىيىلىكلەر مەبلەغ سالغان بىر زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنغان.
2009-09-15
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك يىغىنى تۈنۈگۈن جەنۋەدە ئېچىلدى. 14 - سېنتەبىردىن 2 - ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسارى Navy Pillay خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچى ۋە لاسا ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان.
2009-09-15
ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىكى 11 نەپەر پالاتا ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى قاتارلىق يېقىنقى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-09-15
ئۇيغۇر رايونى ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Huang Yabo نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغا قەدەر يىڭنە ھۇجۇمى گۇماندارلىرىدىن 74 كىشىنى قولغا ئالغان.
2009-09-15
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ دارىمسالادا تىبەت داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي باياناتچى سۆزىدە، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەر قانداق يەردە، ھەر قانداق نام ئاستىدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
2009-09-14
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل بالۇنلىرىغا چېگرا بېجى ئېلىش قارارى خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك پەيدا بولدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'زامانىمىزدىكى خىتاي' دېگەن ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى چېن شاۋنۇڭ، بۇ جىددىيلىك قايسى دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى.
2009-09-14
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ يىللاردىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر چەتئەللەردىكى خىتايچە مەتبۇئاتلاردىكى ئاساسلىق تېمىلاردىن بىرى بولۇپ قالماقتا.
2009-09-14
بۈگۈن، 14 - سېنتەبىر، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە خەلقئارالىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. قازاقىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي كۈچلىرى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەربىي مانېۋىرىغا 1300 ئەسكەر قاتناشتى.
2009-09-14
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى د ئۇ ق ياۋرۇپا بىرلىكىدىن جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ خەتتە، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
2009-09-14
سېدنىي شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى دېكسىن كوچىسىنى گولبۇئورن كوچىسى كېسىپ ئۇتۇپ شەرق ۋە غەربكە ئايرىغان، شەرق تەرىپىدە ئەجدەرھانىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان، پانۇسلار ئېسىلغان ۋە خىتايچە خەتلەر يېزىلغان قوۋۇق بار بولۇپ، قوۋۇقنىڭ ئىچكى تەرىپى خىتاي كوچىسى ياكى خىتاي بازىرىدۇر.
2009-09-14
ئۈرۈمچىدە 3 - سېنتەبىر يىڭنە سانجىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە قىستىدى.