ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-14
يېقىندا ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا تۇغقان يوقلاپ بارغان بىر نەپەر قازاق زىيالىسى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە ئائىت كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى مۇخبىرىمىزغا ئىنكاس قىلدى.
2009-09-14
تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ پالاۋغا يەرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت تورىبىئوڭ پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنى ۋاقىتلىق پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ رەسمىيلەشكەنلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2009-09-14
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى "مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتى" دەپ ئېلان قىلغان يىڭنە ۋەقەسىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قان تەركىپىدە زەھەرلىك ماددا بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2009-09-14
دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۈمەك دارامسالانى زىيارەت قىلىىپ، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن.
2009-09-14
دائىرىلەر "شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى"نىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ 3 - كۈنى يەنى 8 - ئىيۇلدىكى سانىنى تۇيۇقسىز يىغىۋېلىپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.
2009-09-14
ئامېرىكا خىتاينىڭ بەزى تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتايدا توخۇ ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر شىكايەتكە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2009-09-13
شەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراخ ئۆلكىسىدە ئامېرىكا قوشۇنلىرى تالىبانلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۈچ نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە يەتتە نەپەر ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ناتو قوشۇنلىرى بىلەن تالىبانلار ئارىسىدا بىر مەيدان جەڭ يۈز بەرگەن.
2009-09-13
يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ تالدى قورغان ئوبلىسىنىڭ مەركىزى تالدىقورغان شەھىرىدىكى بىر زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى داۋالاش دوختۇرخانىسىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 38 ئادەم كۆيۈپ ئۆلگەن.
2009-09-13
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلىرى بىلەن دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك يەنە ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2009-09-13
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزىدىغان ئاپتوموبىل بالونلىرى مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپتىن نارازىلىق قوزغالغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ، ھەر خىل كىچىك ۋە يېنىك ئاپتوموبىللارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن بالونلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلىشى ئۈچۈن ئۇدا ئۈچ يىلغىچە باج ئېلىش، يەنى بىرىنچى يىلى 35%، ئىككىنچى يىلى 30%، ئۈچىنچى يىلى 25 % باج ئېلىش بەلگىلىمىسى چىقارغان ئىدى.
2009-09-13
يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا 700 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلىق خىزمىتى قىلىۋاتقان 3 نەپەر مۇخبىرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2009-09-12
ھىندىستان بىلەن پاكىستان تۈنۈگۈن كېچە پانجاب چېگرىسىدا ئېتىشتى. ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىنىدىستان ئۇچۇر ۋاستىلىرى پاكىستاننى، 11 - سېنتەبىر كۈنى كېچىدە، پانجاب شتاتىغا ئۈچ پاي راكىتا ئاتقاندىن كېيىن، ھىندىستان تەرەپنىڭمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ پاكىستان تەرەپكە قارىتىپ پىلىمۇت بىلەن ئوق ياغدۇرغانلىقىنى ئاشكارلىدى.
2009-09-12
تەيۋەندە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىغان سابىق پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننىڭ، تۈرمىدە يازغان، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان 'ئامېرىكىنىڭ قىزىل سىزىقى' نانلىق ئۈچىنجى كىتابى ھازىر نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
2009-09-12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دۆلەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىشىگە قارشى ھەممىلا جايدا نامايىش قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
2009-09-12
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۈرۈمچىدە، يىڭنە سانجىپ ھۇجۇم قىلدى، دەپ قولغا ئالغا ئۇيغۇرلارغا جازا ھۆكۈم قىلىشقا باشلىدى.