ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-28
تەيۋەن گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى دۈشەنبە كۈنى، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىمنىڭ فېستىۋالىدا قويۇلىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
2009-09-28
27 - سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە سىياسىي تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى چەكلەيدىغان قانۇن ماقۇللىغان.
2009-09-28
قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆكتىچى پارتىيە ئەزاسى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى قىرغىزىستاندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-09-28
خىتايدا ھەر يىلى غالجىرلىق كېسىلى بىلە ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى خىتايدا ئاممىۋى ساغلاملىققا ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
2009-09-27
يەكشەنبە كۈنى ئىران مۇنتىزىم قىسىملىرىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى جەريانىدا بىر قاتار باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىپ سىناق قىلىشنى باشلىدى.
2009-09-27
يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ دىنىي بايرىمى باشلىنىش ھارپىسىدا يېرۇسسالىم شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى بىر دىنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىدىغان جايدا پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئوخشاشلا ئۇلۇغلايدىغان جاي ئىدى.
2009-09-27
تەيۋەندىكى بىر قىسىم مۇستەقىل تەشكىلاتلار تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى رەت قىلىش قارارىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە.
2009-09-27
25 - سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇس تىلىدىكى پروگراممىلىرىنى بىشكەكتە تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-09-27
27 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى "جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشى" ماۋزۇلۇق يەنە بىر يېڭى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا "جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى مىللىي سىياسەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى" نامايەن قىلىنغان.
2009-09-26
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاستانىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش ئۈچۈن 25 - سېنتەبىر كۈنى ئاستانىغا بېرىپ، قازاقىستان باش مىنىستىرى مەسىموۋ ۋە پارلامېنت باشلىقى توقايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن.
2009-09-26
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن ئىرانغا ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلدى.
2009-09-26
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىدىكى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىم پىتتسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلەندى.
2009-09-26
نيۇيورك تايمىس گېزىتى'نىڭ بۈگۈنكى سانىدا، بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يېڭى خەۋەردە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بەش كۈن قالغاندا، بېيجىڭدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسى، تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن جايدا كۆپ ئادەمگە پىچاق سېلىپ ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 14 ئادەمنى يارىلاندۇرغان بىر چوڭ ۋەقەدىن يۈز بەرگەن ۋەقە.
2009-09-26
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى دېموكراتىيە - ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ گاۋشوڭ شەھەرلىك باش شىتابى بۈگۈن 'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' دېگەن فىلىمنى 1 - ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى باغچىدا ئۇچۇق قويۇشنى قارار قىلدى.
2009-09-25
بېيجىڭنىڭ شىنجېكوۋ رايونى شىمالىي كوچىسىدىكى"قەشقەر تائاملىرى رېستورانى" دا بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلاش يۈز بەرگەن.