ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-25
ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنت باراك ئوباما خەلقئارادا يادرو قوراللىرى، ھەم ھەربىي قىسىملارنىڭ سانىنى كونترول قىلىش ھەققىدە مۇھىم سوز قىلدى. يىغىندا ئىران ۋە شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەم خىتاينىڭ ئەسكىرى كۈچ تەرەققىياتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت بولماسلىقى ئاساسى تېما قىلىندى.
2009-09-25
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون سەپىرىدە رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى زىيارەت قىلغاندا مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.
2009-09-25
بۈگۈن، بىر ئۇيغۇر خانىم ئۇرۇمچىدە بۇيىل 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ۋە ئاڭلاپ ئىشەنگەنلىرىنى رادىئومىزغا سۆزلەپ بەردى.
2009-09-25
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە، تۈرك باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشى بىلەن داۋالغۇشقا باشلىغان تۈرك - خىتاي مۇناسىۋىتى، قايتا جانلىنىشقا باشلىدى.
2009-09-25
دارۋىن نەزىرىيىسىگە يەنى ماتېرىيالىزىمغا قارشى يازغان كىتابلىرى بىلەن تونۇلغان تۈركىيىلىك مەشھۇر نەزىرىيەشۇناس ئالىم شۇنداقلا بىلىم تەتقىقات ۋەخپىنىڭ پەخرى رەئىسى ئادنان ئوكتار ئەپەندى، يېقىندا، سامسۇن تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەسى دەپ باھا بەردى.
2009-09-25
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ مايتاغ رايونىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۇنجى ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسى بازىسىنى قۇرۇشقا باشلىغان.
2009-09-25
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" سەۋەبىدىن 21 كىشىگە جازا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر جازالانغان بۇ كىشىلەرنى ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇپ - چېقىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
2009-09-25
خىتاي بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا جۈمە كۈنى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئاز قالغاندا يۈز بەرگەن.
2009-09-25
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 6 كىشى، كۆپ بولغاندا 8 كىشىنىڭ پات ئارىدا تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-09-25
تەيۋەن دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-09-24
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بۈگۈن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس ھۈججەت تارقاتقان. ھۆججەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئادالەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنغان.
2009-09-24
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ساھىبخان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگۈچى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2009-09-24
ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. گەرچە يىغىننىڭ ئاساسىي كۈن تەرتىپى دۇنيادىكى كلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىش بولسىمۇ، ئەمما يىغىندا يادرو قوراللىرى ۋە تېررورىزم مۇھىم مەسىلىسىمۇ تېما بولۇپ قالدى.
2009-09-24
ياپونىيىنىڭ كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتلۇق قادىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيىدە 1945 - يىلى 2 - ئايدىكى يالتا كېلىشىمى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان ياپونىيىنىڭ تۆت ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش مەسىلىلىرىگە ئائىت تەتقىقاتلار داۋاملاشماقتا ئىكەن.
2009-09-24
ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە چىقىپ ئوقۇش 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە تۈركىيىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 500 ئەتراپىدا ئىكەن. تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ھەر يىلى دېگۈدەك تۇققان يوقلاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىدۇ.